ئەركىن ئەكرەم: خىتاي ئۇيغۇرلارنى رازى قىلماي تۇرۇپ، «يىپەك يولى پىلانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، سۆز قىلىپ خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىچكى تاشقى سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتايدا يېڭى بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى شەكىللەنگەن بولدى. بۇ گۇرۇپپا بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىتى قانداق بولىدۇ؟ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللار تۇغۇلۇشى تەبىئىي.

خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 15-دېكابىر، ئىستانبۇل.
خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 15-دېكابىر، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

دوكتور ئەركىن ئەكرەم يىغىندا بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇھىم پىكىر-قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئالدى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ شەكىللىنىش، قانۇن-تۈزۈم ۋە پرىنسىپلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشتا مۇقىم بىر قانۇن-تۈزۈم ياكى سىياسىتى مەۋجۇت ئەمەس ياكى مەۋجۇت بولغان قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش سىياسىتى ۋەزىيەتنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە «بىر مىللەت ئۆزىڭىزنىڭ دىنىنى، تىلىنى ۋە تارىخىنى قوغدىيالمايدىكەن ئۇ مىللەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ» دېدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا ئالدى بىلەن تىلى، دىنى، مەدەنىيەت ۋە تارىخىنى يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، ئەگەر خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارالغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالدى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى رازى قىلماي تۇرۇپ تارىخى يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.