ئەركىن سىدىق: ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاڭ جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش"نى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇنى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساس" دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئالەم تېخنىكىسى پەنلىرى ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاڭ جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىماقتا دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.