در. ئەركىن سىدىق تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلمىي دوكلات بەردى

ئامېرىكا كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىسى در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.

0:00 / 0:00

دوكلاتقا بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى لېكسىيىسىدە ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ لېكسىيىسى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.