ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنى NASA نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك فىزىكا ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، 13-سېنتەبىر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدە يەنە يېڭىدىن ئىككى خەلقئارالىق نەتىجە قازانغانلىقى ھەققىدىكى تەبرىك خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ناسا كەشپىيات ۋە تۆھپە كومىتېتىنىڭ تەبرىك خېتىدە «ئەركىن سىدىق ئەپەندى: سىزگە ناسا يېڭى تېخنولوگىيە مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ئۇقتۇرىمەن، بۇ مۇكاپات سىزنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات خىزمىتىگە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىڭىز ئۈچۈن بېرىلدى، بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق، ئېتىراپ قىلىنغان ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۈچۈن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دەپ يېزىلغان. بۇ دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا قازانغان تۇنجى نەتىجىسى ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى غەلىبىسىدىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.