ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسىدە دوكلات بەردى

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالەم تەتقىقاتى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.

0:00 / 0:00

ئۇ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ئالەم تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدا «يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتىلارنى كۆزىتىدىغان ئالەم تېلېسكوپى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا تۈركىيە ئالەم تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ماگىستىر ھەم دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. كەچ سائەت 7دە «تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى» نىڭ زالىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا «تاشقى پلانېتا ھايات بارمۇ؟» ۋە «مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنىڭ يوللىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

erkin-sidiq-turkiye-leksiye2-385.jpg
«ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالەم تەتقىقاتى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. 2011-يىلى 23-ئىيۇن. (RFA/ERkin Tarim)

6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بۇ ئىككى ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە ئامېرىكىدىكى ئالەم تەتقىقاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى. دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن در. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىشخانىمىزغا كېلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.