رابىيە قادىر خانىم «دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى
2011.11.09
بۈگۈن، يەنى 9 - نويابىر « دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» . ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مەزكۇر كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ كۈن دېموكراتىيە ۋە ئادالەت ئالدىدىكى توسالغۇلارنى بىتچىت قىلغان كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاممىۋى ئورگاندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق دېموكراتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلقلەرگە ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇ كۈنى يەنە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆھبەت ئېلان قىلىپ، غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى.
«دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» ئامېرىكىدا ھەر يىلى 9 - نويابىر كۈنى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ كۈن ئامېرىكىدا 2001- يىلدىن باشلاپ خاتىرىلىنىشكە باشلىغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. چۈنكى بۇ كۈن مەشھۇر بېرلىن تېمى يىقىلىپ، سوتسيالىزم لاگىرى پارچىلانغان بىر كۈندۇر. 2001- يىلى ئەينى چاغدىكى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بېرلىن تېمى يىقىلغان 9- نويابىرنى «دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر نۆۋەتلىك ئامېىرىكا پرېزىدېنتى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھىلەپ كەلمەكتە.
تۈنۈگۈن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 10- قېتىملىق «دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» نى قۇتلۇقلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن 22 يىل ئاۋۋال بېرلىن تېمى يېقىلىپ، دۇنيا يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم باسقان بولسا، مانا ھازىر دۇنيا ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىدىكى خەلق ئىنقىلابى بىلەن يەنە بىر يېڭى دەۋرگە قەدەم باسقانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما « دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» دېموكراتىيە ۋە ئادالەت ئالدىدىكى توسالغۇنى بىتچىت قىلغان كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ كۈندە بىز بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىشىنى ئەسلەيمىز. ئىنسان روھىنىڭ غالىبىيىتىنى تەبرىكلەيمىز شۇنداقلا يەنە، زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ يېنىدا تۇرىمىز ۋە تاڭ نۇرىنىڭ ئۇلارغىمۇ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بېرلىن تېمى يىقىلىپ، دۇنيا ئەركىنلىك مارشى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئىدى. بىز بۈگۈن يەنە بىر قېتىم، ئۆزىمىزنى دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى باسقۇنچى دىكتاتۇرلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان تارىخىي بىر دەۋرنىڭ ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز » دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ يىللىق دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى دەل لىۋىيە، تۇنىس، مىسىر قاتارلىق ئەللەردە دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەر يىقىلغان، يەمەن، سۈرىيە قاتارلىق ئەللەردە دىكتاتۇرلار تەۋرىنىپ قالغان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسا دېموكراتىك ھەرىكەت ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان نازۇك بىر دەۋرگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەتلەر ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون ئالدىنقى كۈنى «دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىك ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدىكى تاشقى سىياسىتىنى شەرھىلىگەن.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، « ئەركىن بولغان سىياسى سېستىما، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادى تۈزۈلمە بەرپا قىلىش بۇ پەقەتلا بىر غايىۋى مەسىلە ئەمەس. بۇ يەنە ئىستراتېگىيىلىك زۆرۈرىيەتتۇر. بىراق بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىسەكلا بولمايدۇ. ئامېرىكا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ شۇنداقلا بىز دۇنيادا بۇ ئېتىقادىمىزغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىمىز. ئامېرىكا خەلقى بۇ ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىدۇ. ئەركىنلىك ھەرقانداق يەردە ئاساس سالسا، ئامېرىكا خەلقى بۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
«دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى» چەتئەلدىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بەزى مىللىي تەشكىلات ۋە ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن ئامېرىكا ھەم غەرب ئەللىرىنى ياردەمگە چاقىرىدىغان مۇھىم پۇرسەت. دۈشەنبە كۈنى نورۋىگىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن دۇنيا ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دېموكراتىك ئەللەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەركىنلىك كۈرىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
كلىنتون خانىم ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىك ئىنىستىتۇتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى قوللاش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاقلاپ، بۇ، دۆلەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇنداق دەيدۇ: « ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بىر خىل ، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر باشقىچە بىر خىل يول تۇتىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى مەسىلىنىڭ ئەمىلىي نۇقتىسىدا. چۈنكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى بىر-بىرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئوخشاش رەزمىلىك بىر ئاياغنى ھەممە پۇتقا كىيگۈزمەكچى بولۇش ۋە ئەھۋالغا قارىماي ئىش قىلىش ئەخمىقانىلىقتۇر. بىز لىۋىيىدە قىلغاندەك نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى قۇربان قىلماي تۇرۇپ، خەلقنى قوغدىشىمىز، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ئازاد قىلىشىغا ياردەم قىلىشىمىز مۇمكىن. بەزى ئەھۋاللاردا بىزنىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىشىمىز ئۈچۈن ئۆز ئالدىمىزغا ھەرىكەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆۈپ بەدەل تۆلىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ خەۋپ - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئەسكەر چىقىرىشىمىز مۇمكىن.»
رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلەپ توسىمىسا، شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا، رايوندا يەنە ئېغىر قان تۆكۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش، ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتكە بېرىپ يېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك تەلىپىنى كۈچەيتىدۇ، خالاس، دەپ كۆرسەتتى.
كلىنتون خانىم دۆلەتلىك دېموكراتىك ئىنىستىتۇتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ قانۇنلۇق بولمىغان ۋە خەلق ئېتىراپ قىلمىغان ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم مۇناسىۋەت قۇرالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مىسىردا ئىسپاتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ « نۆۋەتتە بىز نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەنپەئەتىمىز ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئالاقە قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە دېموكراتىك بولمىغان ھۆكۈمەتلەر بار. بىراق ھۆسنى مۇبارەكنىڭ مىسىردا غۇلاپ چۈشۈشىدىن شۇ نەرسە ئايدىڭلاشتىكى ، بىز كۆزلىگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى دېموكراتىك قانۇنلۇق ۋە خەلق ئېتىراپ قىلمىغان ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشىمىز قىيىن» دېگەن.