ئۇيغۇر ياشلىرى: بىز دۇنياغا چېچىلىپ كەتسەكمۇ، ئۇيۇشالايدىغانلىقىمىزنى خىتايغا تونۇتۇپ قويماقچى

دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پارتىيىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش دۇنياۋى پۇتبول مۇسابىقىسى جىددىي تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەشكىللىك ئاپپارات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن مەزكۇر خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇسابىقە گوللاندىيىنىڭ روتتېردام شەھىرىدە 27-ئىيۇلدىن 31-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىكەن. غەيۇر ئەپەندى يەنە مۇسابىقىنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرى شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە باشقا قىيىنچىلىقلىرىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى.

ئەلۋەتتە دۆلەت ھالقىغان بۇنداق كۆلەملىك بىر مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەييارلىق ۋە تەشكىلىي خىزمەتلەر ئىشلىنىشى زۆرۈر، بولۇپمۇ ساھىبخانىلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچىلار مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئەڭ زور مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، قېنى ئۇنداقتا گوللاندىيىدىكى تەييارلىقلار پۈتۈپ قالدىمۇ، بۇنى گوللاندىيىدىكى مۇسابىقە مەيدانى ۋە ئارقا سەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئېلشاتتىن سوراپ كۆرەيلى.

ئېلشاتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، روتتېردامدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تېخنىكا سەۋىيە ئۆلچىمىنى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىنىڭ ئۆلچەملىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش، مەيدان ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گوللاندىيىلىك كەسپىي رېپىرىلار تەكلىپ قىلىنغان شۇنداقلا بەزى داڭلىق پۇتبول ماھىرلىرىنىڭمۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىكەن. ئېلشات، مەزكۇر مۇسابىقە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈمىد ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىز خىتايغا، دۇنياغا قانچە چېچىلىپ كەتكەن بولساقمۇ، ھامىنى ئۇيۇشالايدىغانلىقىمىزنى تونۇتۇپ قويماقچىمىز» دەيدۇ.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دۇنياۋى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالماقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار، بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا كۈچ قوشۇشنى ئىزدىمەكتە. گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر سېپىگە يېڭىدىن قېتىلغان بولسىمۇ، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، بىر قىسىم تالانتلىق ياشلار ھەتتا بۇ مۇسابىقىنىڭ «ئەركىنلىك لوڭقىسى» ناخشىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئىكەن. گوللاندىيىدىكى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدە جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئىلياس بىلەن تاھىرجان پۇتبول ناخشىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەنلىكىدىن ھاياجانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرچە بۇ ناخشىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن سىر تۇتۇشنى مۇۋاپىق كۆردى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گوللاندىيىنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى يېشىل مەيدانغا جەم بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولغۇسى توپ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەلۋەتتە ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى مەزكۇر مۇسابىقە ئەھۋالىغا تەقەززا بولۇۋاتقان ئىخلاسمەنلىرىمىزنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولغۇسى بۇ كاتتا پائالىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىشقا تىرىشىمىز.