ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىكى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە نەق مەيداندىن ۋە رادىئومىز ئارقىلىق كۆز تىكىپ تۇرغان بارلىق ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يەنە ئەركىنلىك لوڭقىسىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىغا قىزىقماقتا.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئاينىڭ 27-سىدىن 31-گىچە گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى غەلىبىلىك تاماملىنىپ ئۇيغۇرلارنى چەكسىز ھاياجان ھەم ئۈمىدلەرگە تولدۇرغان ئىدى. مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقىسىگە نەق مەيداندىن ۋە رادىئومىز ئارقىلىق كۆز تىكىپ تۇرغان بارلىق ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يەنە ئەركىنلىك لوڭقىسىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىغا قىزىقماقتا.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك تاماملىنىپ ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان ئىدى.رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىم بىلەن بىللە بولالمىغان بولساممۇ، مېنىڭ قەلبىم، مېنىڭ تىلەك-ئۈمىدلىرىم ئۇلار بىلەن بىرگە، پۇتبولچى بالىلىرىمنىڭ ئۇرغان ھەر بىر توپى خىتايغا بېرىلگەن بىر زەربە بولسا، خەلقىمگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ!» دېگەن ئىدى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانچىلىك زور ئەھمىيەت ۋە مەنالارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مانا بۇ بايانلار ئارقىلىق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى بولغان ئەركىنلىك لوڭقىسى، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا شۇنداقلا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىدىن كېيىنكى ھاياجىنى تېخى بېسىلمىدى. ئۇلار نۆۋەتتە ئۆزىگە مەنىۋى ئوزۇق ھەم ئىلھاملار بېغىشلىغان ئەركىنلىك لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىكىنىڭ قەيەردە قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىرىماقتا.

ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە زور كۈچ چىقارغان باشقۇرغۇچىلاردىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئەركىنلىك لوڭقىسىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كېيىنكى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ساھىبخانا كوماندا بولغان گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلىرى كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ئېلشات ئەپەندى ۋە گوللاندىيە ياشلار پارتىيىسىدىن ئابدۇسالام ئەپەندىلەر تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئەپەندى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە بۇ مۇسابىقىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق يېڭىلىقلار ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.