ئەركىنلىك سارىيى خىتاينى چەتئەللەردىكى دېموكراتىك پائالىيەتلەرگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

مەركىزى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل چۈشەنچە ئورگىنى بولغان "ئەركىنلىك ئۆيى" ھەر قايسى ئەللەرنىڭ 2009 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009 - يىلىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولمىغانلىقىنى، كېيىنكى 8 يىلدا ئاخباراتقا بولغان بېسىمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ 2009 - يىلى تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا دۇنيا مىقياسىدىكى 196 دۆلەت ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە دەرىجىگە تىزىپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ تىزىملىكتە سومالى ۋە زىمبابۇۋى بىلەن بىرلىكتە ئاران 181 - ئورۇندىن يەر ئالغان.

دوكلاتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتاينىڭ ئالدىدا يەر ئالغان. يەنى، قىرغىزىستان 159 - ئورۇندا، قازاقىستان 169 - ، ئەزەربايجان بولسا 172 - ئورۇنغا تىزىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئەھۋالى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 189 ۋە 194 - ئورۇندا يەر ئالغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل باھالانغان 196 دۆلەتنىڭ ئىچىدە 69 دۆلەت ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت دۆلەت بولغان. 64 دۆلەت بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى قىسمەن مەۋجۇت، 63 دۆلەت بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەتلەر دەپ ئايرىلغان. دۇنيا مىقياسىدا ھەر 6 كىشىدىن پەقەت بىرىلا ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولغان دۆلەتتە ياشايدىكەن.

ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ بۇ يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا دوكلات بەرگەن كەرىن كارلېكېر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئومۇمىي نوپۇس بويىچە ئالغاندا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 16 پىرسەنتى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت دۆلەتلەردە، 44 پىرسەنتى قىسمەن مەۋجۇت دۆلەتلەردە، 40 پىرسەنتى بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەتلەردە ياشايدىكەن.

خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكى دوكلاتتا ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىدىكى 40 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئاران 37 - بولغان.

كەرىن كارلېكېر خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا ۋە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى مېتودلارنى تۈزۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ژرونالىستلارنى تۈرمىگە سولاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى قارشى پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، چەتئەللەردىكى ئوبيېكتىپ پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ يىغىنلارغا قاتنىشىشى ۋە سۆز قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، " خىتاي چەتئەللەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت فېستىۋالى، كىتاب يەرمەنكىسى ۋە مەدەنىي ۋە ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىپ، سۆز قىلىشىنى خالىمىغان كىشىلەرنى بۇ پائالىيەتلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا، ئۇلارنى توختىتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزىنىڭ چەكلىمىچى سىياسىتىنى چەتئەللەردىمۇ ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى" دەپ كۆرسەتتى ۋە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىتىگە قارشى دەپ قارىغانلىقى ھەر قانداق فىلىم فېستىۋالى، مەدەنىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرگە تەھدىت ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2009 - يىلى ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىنىش بولغان رايون ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونى بولۇپ، باڭلادېش ۋە بۇتانلار "ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەت" تىن "قىسمەن مەۋجۇت بولغان دۆلەت" ھالىغا كەلگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە موڭغۇلىيىلەرنىڭ ئەھۋالىدىمۇ قىسمەن ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. ئەمما بۇنىڭغا قارشى ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت بولغان خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى بىر يىل ئاۋالقىدىنمۇ بەك ناچارلىشىپ كەتكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: "خىتاي دائىرىلىرى ئاخباراتقا بولغان نازارەتنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ۋاستىگە ئايلاندۇردى. خىتاي دائىرىلىرى يەنە بەزى داڭلىق شەخسلەرگە دائىر مەلۇماتلارغا، سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارغا چەكلىمە قويدى. بۇلاردىن باشقا يەنە، خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكى، تەبىئىي ئاپەتلەر، ساقچىخانىلاردا ئۆلگەنلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىلىشىنى توسىدى. 2009 - يىلىدا خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقى، مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋاللىرىغا دائىر خەۋەر ئىشلىگەن ژورنالىستلارنىڭ تەھدىتكە ۋە شىددەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىرلاشتى."

دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلغان كىشىلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ژورنالىستلار، ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئىگىلىرى، ئادەتتىكى پۇقرالار، پائالىيەتچىلەر ۋە دىنىي زاتلارنىڭ نورمال سۆز - ھەرىكەتلىرىنىمۇ چەكلەپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ پارىخورلۇق، يەر ئاستى پائالىيەتلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق كومپيۇتېرلارغا "يېشىل توسما" ئورنىتىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا ئوخشاش ئىنتايىن نورمال بولغان خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دوكلاتتا خىتايدىن سىرت يەنە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خەتەرلىك دۆلەتلەر دەپ كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.