بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن دوكلاتلار ئېلان قىلىپ، دۇنيا ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 2010-يىلدىكى ئەھۋالىغا باھا بەرمەكتە. ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى بۈگۈن 2011-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، 2010-يىلى دۇنيا مىقياسىدا ۋە شۇنداقلا خىتايدا ئەركىنلىكنىڭ تارايغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئەركىن سارىيى پەيشەنبە كۈنى 2011-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ۋە دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋەزىيىتىدە ئارقىغا چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە دېموكراتىك دۇنيانىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى سۇس ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىنلىك سارىيى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىكنىڭ ئىزچىل ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ھەر يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقنىڭ ئىزچىل ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقىنىغا ئۇدا 5 يىل بولدى. ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى 194 دۆلەت ۋە 14 رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ بىر يىلدا خىتاي، مىسىر، ئىران، رۇسىيە ۋە ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەركىنلىك سارىيى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇپ، بۇ ساھەدە ئەھۋالى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەرگە 1 نومۇر، ئەڭ ناچار دۆلەتلەرگە 7 نومۇر بەرگەن. خىتاي سىياسىي ھوقۇق ساھەسىدە 7 نومۇرغا ئېرىشكەن، ۋيېتنام، شىمالى كورىيە، ئىران، ئافغانىستان، لىۋىيە، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىدا سىياسىي ھوقۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. خىتاي پۇقرالار ئەركىنلىكى ساھەسىدە 6 نومۇرغا ئېرىشىپ، ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقات ئىشلار مەسئۇلى پۇدىڭتون سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا سەلبىي رول ئويناۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، " بىز خىتاينىڭ ئۇنىڭ قوشنىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز. مەن بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك تەسىرى سەۋەبلىك ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەن ئەللەردىن ئىككى دۆلەتنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمەن. بۇلارنىڭ بىرى كامبودژا. كامبودژانىڭ 2010-يىلى ئىجتىمائىي ئەركىنلىككە قارشى يولغا قويغان بەزى تەدبىرلىرى بىزنى ئەندىشىگە سالدى. كامبودژا خىتاينىڭ تەسىرى ئىزچىل كۈچىيىۋاتقان، خىتاي بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى ئىزچىل زورىيىۋاتقان دۆلەت. كىشىنى تېخىمۇ قايغۇغا سالىدىغان يەنە بىر دۆلەت سىرلانكا" دەپ كۆرسەتتى.
كامبودژا ئالدىنقى يىلى "5-ئىيۇل ۋەقەسى" گە قاتنىشىپ، كامبودژاغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 20 كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. كامبودژانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئامېرىكا كامبودژاغا بېرىدىغان ھەربىي ياردىمىنى توختاتقان ئىدى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا 2010-يىلى خىتايدا تور بېكەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمە، پۇقرالارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش ئەھۋالى، ئىقتىسادى دېلولارغا سىياسىي ئارىلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋە شۇنداقلا چەتئەلنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ياردەم بېرىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش ئەھۋالى كۈچەيگەن. ئاز سانلىقلار ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ يەنىلا ناھايىتى قىيىن شەرت شارائىت ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، بەزى ساھەلەردە ناھايىتى ناچار ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىلىپ، "ئۇيغۇر تور تەھرىرلىرىنىڭ، ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى" ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
لېكىن ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، دوكلاتتا "شىنجاڭ" نىڭ "تالاش-تارتىشتىكى تېررىتورىيە" دەپ تەرىپلىنىشىدۇر. پۇدىڭتون، پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، "مەن سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا سىز رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. مېنىڭچە شىنجاڭ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە تالاش-تارتىش مەۋجۇت رايون سۈپىتىدە تونۇلمىغان. ئەركىن دۇنيا بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن تىبەتنىڭ تالاش-تارتىشتىكى رايون ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنى بىلمەيتتى. مېنىڭچە بۇ ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ھېقىقى مەنىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. شىنجاڭدا يېقىنقىدىن بېرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، بىز شىنجاڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدۇق ھەم شىنجاڭنى بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تالاش تارتىش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت رايونلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدۇق" دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن "5-ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئومۇمى يۈزلۈك زەربە بېرىپ، سەلكىن، دىيارىم، شەبنەم، ئۇيغۇربىز قاتارلىق نۇرغۇن تور بەتلىرىنى، تور بەت قۇرغۇچىلىرىنى ۋە تور تەھرىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ھەم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقى كۈچەيگەن ئىدى. پۇدىڭتون، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىتىنى ۋە دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ "بىز بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، دەپ قارايمىز. بۇ مەسىلىدە بىزنى بىئارام قىلىۋاتقان نەرسە بېيجىڭنىڭ بۇ ئىشتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر. خىتاي شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيا ئىسلام كېڭىشى، ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ۋە ياكى ئىسلامى ھەرىكەتلەر تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ باقمىدى." دەپ كۆرسەتتى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا يەنە خىتايدىكى نۇرغۇن تور بەتچىلەر، ژۇرنالىستلار، ئەرزدارلار، قانۇن كەسپىدىكىلەر، ئىشچىلار، ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ بېسىم، تەھدىت باش ئەگمەي ۋە چەكلىك ئىمكانىيەتكە قارىماي، تۈرلۈك يوللار بىلەن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 2010-يىلى تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىنكاسى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇ ۋەقەدە خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان خەلقئارا قارشىلىشىش پەيدا قىلغانلىقى، بېيجىڭنىڭ نورۋېگىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىقتىسادى ئۆچ ئېلىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقى، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ۋەكىل ئەۋەتمەكچى بولغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ۋە شۇنداقلا ليۇ شاۋبونىڭ ئائىلە -تاۋاباتى ھەم ئۇنى قوللىغان ئۆكتىچى زاتلارنى نەزەربەند قىلغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدې ئەپەندى، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئەركىنلىك، سىياسىي ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ۋە سىياسىي ھوقۇق مەسىلىسى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، خىتاي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماي بۇ مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەزىيەت شۇنى نەرسىنى نامايان قىلماقتا. ئەگەر جۇڭگو يەنە مەملىكەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق ئارزۇسىنى ئويلاشمىسا، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ يۆلىنىشىنى نەزەرگە ئالمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرلىقى ھالىتىنى بۇرۇنقىدەك ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن" دەيدۇ.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچى زىيالىيلار، ژۇرنالىستلار ۋە باشقىلارنى باستۇرغانلىقى، 2009-يىلىدىكى باستۇرۇش ج خ ج قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش باھانىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا 2010-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى يەر شارى سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىككە قارىتىلغاندەك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بۇ بىر يىل سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چېكىنىۋاتقانلىقىنىڭ 5-يىلىدۇر" دەپ تەكىتلىگەن.