ئەركىنلىك سارىيى: 2010-يىلى جەريانىدا، خىتاينىڭ ئاخبارات مۇھىتى يۇقىرى دەرىجىدە باستۇرۇلۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى

ئەركىنلىك سارىيى بۇ يىل ئېلان قىلغان دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك دەرىجىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي يەنە ئاخبارات ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن دۆلەت قاتارىغا تىزىلغان.

0:00 / 0:00

خىتاي 2010-يىلىمۇ ئاخبارات «كۈشەندىسى» دەپ ئاتالغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2011-يىللىق دوكلاتى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىنلىك سارىيى مەزكۇر دوكلاتىنى تەييارلاش ئۈچۈن 2010-يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى 196 دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك دەرىجىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، باھالانغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە 65 دۆلەت ئاخباراتتا ئەركىن، 65 دۆلەت مەلۇم دەرىجىدە ئەركىن، 63 دۆلەت ئاخبارات پۈتۈنلەي چەكلەنگەن دۆلەتلەر كاتېگورىيىسىگە تىزىلغان.

ئەركىنلىك سارىيى دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىسىگە نۆل دىن 100گىچە نومۇر بېرىپ، ئاخباراتقا قاراتقان باستۇرۇش دەرىجىسىنى باھالاپ چىقىلغان.

خىتاي ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى 85% دەپ كۆرسىتىلىپ، باھالانغان 196 دۆلەتنىڭ ئىچىدە 187-ئورۇنغا تىزىلغان ۋە ئاخبارات مۇتلەق ئەركىن ئەمەس دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا دۆلەتلەر قىتئەلەر بويىچە كاتېگورىيىگە ئايرىلىپ، باھالانغان. دوكلاتتا ئاسىيادىكى دۆلەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئاسىيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار باھالانغان بېرما ۋە شىمالىي كورىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن باشقا يەنە خىتاي، لائوس ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئاخباراتنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان ئەھۋال داۋاملاشتى.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: 2010-يىلى جەريانىدا، خىتايدىن ئىبارەت ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتنىڭ ئاخبارات مۇھىتى يەنىلا يۇقىرى دەرىجىدە باستۇرۇلۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخباراتى چەكلەشنى ۋە ئىنتېرنېت ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىنلىك سارىيىدىكى ئالىي تەتقىقاتچى كارىن كارلېكار خانىم خىتاي ۋە ۋيېتنامدىن ئىبارەت كوممۇنىست دۆلەتلەردە ئاخبارات ۋەزىيىتىنىڭ تامامەن ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئەمما خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىلەرنى چېكىندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ ۋيېتنام ۋە خىتايدىكى ئاخبارات ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتايدا ئەنئەنىۋى ئاخباراتچىلار ۋە تور يازغۇچىلىرىغا قارىتا باستۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلدى. ئەمما، شۇنى دېيەلەيمەنكى، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى پائالىيەتچىلەر بۇ خىل چەكلىمىلەرنى چېكىندۈرۈشكە تىرىشماقتا. شۇنداقتىمۇ ھەر ئىككى دۆلەتكە بېرىلگەن باھا يەنى ئۆزگەرمىدى. ئۇلار يەنىلا «ئەركىن ئەمەس» ۋە «ئەڭ ناچار» دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

دوكلاتتا خىتايدىكى ئوچۇق پىكىرلىك مۇخبىر، تور يازغۇچىلىرى ۋە خىتاي بولمىغان مىللەت ژۇرنالىستلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئونلىغان پائالىيەتچى، ئۆكتىچى ۋە مۇخبىرلار ئۆز يازمىلىرى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ئاز سانلىق مىللەت ژۇرنالىستلىرى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇشقا دۇچ كەلدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن باشقا، دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد ۋە نۇرئەلى ئوبۇلقاسىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىمۇ تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا ئاخبارات مۇھىتى «ناچار» دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلىپ كەلمەكتە. خىتاي 2010-يىلىمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار 15 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.