تىبەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە قۇرۇلغان بۇ ئۇيۇشمىغا تىبەت، موڭغۇل، دېموكرات خىتايلار، ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت يەنە ياپونىيە، تەيۋەن، بىرما، بۇتان، مالايشىيا، بېنگال ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ئەزا بولدى. ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بۇ ئۇيۇشمىدا ۋەزىپە ئالغان بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئۇيۇشمىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ تەشكىلاتقا ۋيېتنام، بېنگال، بۇتان، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەزا بولۇپ كىرىشىنىڭ ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەھمەت توختى ئەپەندى، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.