نۆۋەتتە قازاق دائىرىلىرى بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەرشىدىننىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئىلگىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇندىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئەرشىدىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسى ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە نېمە سەۋەبتىن قازاقىستانغا بېرىپ قالغانلىقى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە توختىلىپ ئۆتۈش، ئانچە ئوشۇق كەتمىسە كېرەك.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەرشىدىن ئىسرائىل غۇلجىنىڭ قورغاس تەۋەسىدىن بولۇپ، 1999-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىل قاماقتا ياتقان. ئۇ يەنە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسىنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئىلى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىزدەش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
ئۇنداقتا شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسى قانداق بولغان؟ بىز ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۆھرەت تۇرسۇن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ ئۈرۈمچىدە تۇتۇلغان ۋە 40 نەپەرچە غۇلجىلىق تۇتقۇن بىلەن ئۈرۈمچىدىن غۇلجىدىكى يەرلىك تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن.
ھالبۇكى، 2009-يىلى 18-سېنتەبىر شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تاياق زەربىسىدىن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن جەسىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئەينى چاغدا، رادىئومىز بۇ ھەقتە ئۆلۈم ھازىسى بولۇۋاتقان نەق مەيداندىن خەۋەر ئىگىلىگەن ئىدۇق.
كېيىن دائىرىلەر بۇ خەۋەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغۇچىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىل ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەرشىدىن ئىسرائىل ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇن ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەر ۋە كېيىنكى گۇمانلاردىن چۆچۈگەنلىكى ۋە 2009-يىلى 24-سېنتەبىر غۇلجىدىن قېچىپ، تۆت كېچە پىيادە يول يۈرۈپ، قورغاس ئارقىلىق قازاقىستانغا قېچىپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ، قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە 2010-يىلى مارتتا پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغان.
ئەرشىدىن شۇ يىلى ئاپرېلدا شۋېتسىيىگە تەقسىم قىلىنغان بولسىمۇ، قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ قازاقىستاندىن چىقىشىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بېرىشنى رەت قىلغان.
ئەرشىدىن 2010-يىلى 3-ئاپرېل قازاق ساقچىلىرى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر تۇرالغۇغا، ئاندىن رەسمىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلگەن ۋە شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى ئۈستىدىن 5 قېتىم سوت ئېچىلغان.
بۇ يىل 27-ماي ئېچىلغان ئاخىرقى سوتتا ئەرشىدىن تاپشۇرغان پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان.
مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئەرشىدىننىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نامايىش قىلىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىدىن ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۈگۈن ئېگىلگەن خەۋىرىمىزگە قارىغاندا، ئەرشىدىن ئىسرائىل يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
يۇقىرىقىسى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى ئاسىيە كېرىموۋانىڭ بايانلىرى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى يۇرى سېرگېيىۋېچ ستۇكانوف 27-ماي قازاق ئالىي سوتىغا ئەرز يوللاپ، ئەرشىدىننىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، قازاقىستان يەرلىك دائىرىلىرى يۇقىرى سوتنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا ئەرشىدىننى يۆتكەپ كەتكەن.
بۇ خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرشىدىننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەرشىدىن ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئەرشىدىننى دەرھال قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەردە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى ئۇنىڭ ئېسىگە سېلىشقا چاقىرىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن پەرىشان بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش ۋە تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
ھازىرغا كەلگۈچى قازاقىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىر نەچچىگە يېتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى ئەخمەت مەمەت، تۇرغۇن ئابباس قاتارلىقلارنى 2001-يىل دېكابىردا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ھالبۇكى، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئەسلى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇندىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇلمىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.