ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى: «ئەرشىدىننى قوغداشقا تىرىشقان بولساقمۇ....»

بىر يىلدىن بۇيان قازاقىستاندا پاناھلانغان ئۇيغۇر ياش ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ بەشىنچى قېتىم يەنە رەت قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش ۋە تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇلار ھازىرغا قەدەر خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىر نەچچىگە يېتىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئەرشىدىننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن خەۋەردار كىشىلەردە نارازىلىق ھەمدە ئەرشىدىننىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن ئەندىشە قوزغىغان بۇ پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قانداق ئىنكاستا؟ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەت پىلانلىرى نېمە؟

قازاقىستان تەرىپىدىن پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 38 ياشلىق ئەرشىدىن ئىسرائىل، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئىلى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىزدەش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ 2009-يىلى 24-سېنتەبىر يۇرتى غۇلجىدىن قېچىپ قازاقىستانغا چىققان.

ئۇ، قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە 2010-يىلى مارتتا پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان. ئەرشىدىن شۇ يىلى ئاپرېلدا شۋېتسىيىگە تەقسىم قىلىنغان بولسىمۇ، قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ شۋېتسىيىدە پاناھلىنىش يوللىرىنى توسقان ۋە ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىپ سولىغان ئىدى.

ئەرشىدىننىڭ ئادۋوكاتى يۇرى سېرگېيىۋېچ ستۇكانوف 27-ماي قازاق ئالىي سوتىغا ئەرز يوللاپ، ئەرشىدىننىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەرشىدىننىڭ 5-قېتىملىق ئەرزى ئىدى. قازاقىستان دائىرىلىرى يۇقىرى سوتنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا ئەرشىدىننى يۆتكەپ كەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 31-ماي بايانات ئېلان قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئەرشىدىن ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىرغان ئىدى.

بىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن قانداق ئىنكاس ھەم ئەمەلىي پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ميۇنخېندىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. دولقۇن ئەپەندى دەل مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا يوللىنىدىغان مەكتۇپ ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەسىلە ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانلىرى ئۈستىدە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ پاناھ تىلەپ چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك تەكرار قىلمىشىنى تەنقىدلەپ، «مۇشۇنىڭ ئۆزىلا قازاقىستاننىڭ دېموكراتىيىدىن يىراق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنىڭ مىسالى» دېدى.

بىز يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بىرلەشمە رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ، مەزكۇر مەسىلىگە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي قارايدىغانلىقىنى ، مۇھىمى خەلقئارالىق جەمئىيەتتە جىددىي ئىنكاس پەيدا قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېز ئارىدا ئىزدەش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە «گەرچە ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدا قازاقىستان جاۋابكار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە ئوخشاش دېموكراتىيىسىز ئەللەرگە قولىنى سوزۇپ، ئەرشىدىنگە ئوخشاش يۈزلىگەن، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا دىپلوماتىك ئۇسۇللىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە ئېلىۋاتقان ۋە ئۇلارنى قانۇنسىز جازاغا تارتىۋاتقان باش جىنايەتچىنىڭ يەنىلا خىتاي ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك» دەيدۇ.