ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ئەسلىدە ب د ت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ بولغان، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئولتۇراق ئۆينىمۇ تەييارلاپ بولغان ئىدى.
ئەرشىدىن دەل شۋېتسىيىگە يولغا چىقىش ئۈچۈن جابدۇۋاتقان كۈنى قازاقىستان ساقچىلىرى، خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ يولىنى توسۇپ تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا ۋە دۇنياغا ئەرشىدىننىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ پەقەت بىر ھەقسىزلىقنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھاياتى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلگەن پاناھلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇل گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكىلىق ئادۋوكات كەسىي پولىئاس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئەرشىدىن مەسىلىسىدە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل ئەيىبلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى قازاقىستان بىر تەرەپتىن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قارشى جىنايەت ئىشلىگەن تېررورچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان جاسۇس ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغان.
بۇ ھەقتە كەسىي پولىئاس خانىم ئۆز باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇلتۇر 2-ئايدا ئىگىلىشىمچە، قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلىغا ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى دېگەن ۋە قولىدا قايىل قىلارلىق پاكىتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئوخشاش كۈندە مەن يەنە ئاستانىدىكى ياۋروپالىق بىر دىپلومات بىلەن ئالاقىلەشتىم، ئۇنىڭغا شۇ كۈنى قازاق ھۆكۈمىتى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايدا جىنايەت ئىشلەپ قېچىپ چىققان تېررورچى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا يېتەرلىك پاكىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.» كەسىي پولىئاس خانىم سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: «قازاقىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە ئاشكارا ھالدا ساختىپەزلىك قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق، بىر ئادەم قانداقمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا بىر دۆلەتكە قارشى تېررورچى ۋە شۇ دۆلەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان جاسۇس بولسۇن؟ مەن قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىمىسىدىكى بۇ زىتلىقنى ئەرشىدىن مەسىلىسىگە ئارىلىشىۋاتقان ھەم ياۋروپالىق دىپلوماتلارغا، ھەم ب د ت خادىملىرىغا مەلۇم قىلدىم، ئۇلار ئەينى چاغدا قازاقىستاننىڭ ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى بايقاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.»
كاتھي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستاننىڭ ئەرشىدىن مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار دىپلوماتلىرى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا گۇرۇپپا ھالىتىدە بېرىپ، قازاقىستاننىڭ ئەرشىدىننى ناھەق ھالدا قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. كاتھي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دىپلوماتىك يۈرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل نارازىلىق شەكلى، ئادەتتە خەلقئارادا ناھايىتى جىددىي مەسىلىلەردىلا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، دىپلوماتلارنىڭ بۇ نارازىلىقىغا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى «ئىشلىرىمىزغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋالدىڭلار» دەپ ئاغزاكى نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇ چاغدا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى قوبۇل قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستانغا ئەرشىدىننىڭ شۋېتسىيىگە كېلىشىگە يول قويۇش ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم تەكلىپ سۇنغان ھەم شۋېتسىيىنىڭ مەخسۇس ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىگە ئاتىغان خادىمى ئەرشىدىن ھەققىدە ئېچىلغان سوتلارنىڭ كۆپىنچىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، سوت جەريانىنى كۆزەتكەن ۋە ئىككى قېتىم ئەرشىدىن ئىسرائىلنى يوقلاپ قاماقخانىغا بارغان. ئەمما قازاقىستان داۋاملىق ھالدا ئەرشىدىننى بەزىدە تېررورچى، بەزىدە جاسۇس دەپ ئەيىبلەش ئارقىلىق خەلقئارا بېسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
نۆۋەتتە كەسىي پولىئاس خانىمنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقىنى، ب د ت نىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ئۇشتۇمتۇت قارار ئۆزگەرتىشىدۇر، كەسىي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت قازاقىستاننى ئەرشىدىننى قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان، ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت نىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمى ئىبراھىم ئارسالا تەرىپىدىن يوللانغان. ئارىدىن 2 ئىككى ھەپتە ئۆتمەستىن يەنى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشى ئۇشتۇمتۇت قارار ئۆزگەرتىپ، ئەرشىدىن ئىسرائىلگە بېرىلگەن پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان. كاتھي خانىم باياناتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «ب د ت خادىملىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئەرشىدىننى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ كۆرسەتكەن پاكىتلىرىغا ئىشىنىپ قېلىشى ھەيران قالارلىق ۋە گۇمانلىنارلىق، قورغاس ناھىيىسىدە شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەرشىدىننىڭ چېگرادىن قېچىپ چىقىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ ئۇنى نېمە سەۋەبتىن ئىزدىگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاننىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىپ كەلگەنلىكى ب د ت غا سىر ئەمەس.» كەسىي خانىم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ئىشتا پارىخورلۇق يەنى پۇلغا سېتىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت نىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىگە ئارىلاشقان خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا داۋا قىلىشى كېرەك.»
قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىل ئۇستىدىن خىتاينىڭ جاسۇس دەپ سوز تارقىتىشى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىدە بىر مەزگىل قايمۇقۇش پەيدا قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئالماتادىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەر قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى دېگەن ۋە ئەرشىدىننى خىتايغا بېرىۋەتمەكچى بولغاندا خىتاينىڭ ئەرشىدىننى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاق دائىرىلىرى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ سوز تارقىتىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەرشىدىن مەسىلىسىدىن قول ئۈزدۈرمەكچى ۋە ئەرشىدىننى خەلقئارادا ئىگىسىز قالدۇرماقچى بولغان. ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ ئەڭ كۆپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغۇچىلاردىن بىرى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى قازاقىستان شۆبىسىدىكى ئۇيغۇر ياردەمچى خادىم تامارا مەمەدوۋادۇر. تامارا خانىم ھەتتا قازاقىستان دائىرىلىرىدىن بۇرۇنلا ئەرشىدىننىڭ كىملىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە بىلدۈرگەن، ئۇ ئەرشىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋال گېرمانىيىدىكى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۆزىنىڭ ئەرشىدىن ھەققىدىكى گۇمانىنى تەكرارلىغان ۋە قازاقىستان ئەرشىدىننى خىتايغا بېرىۋەتمەكچى بولغاندا، خىتاي ئەرشىدىننى قوبۇل قىلمىدى دېگەن؛ ئەمما تامارا مەمەدوۋانىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدانغانلىقى ۋە ياكى ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىجرا قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئالماتادىكى تۇغقانلىرىنىڭ، ئەرشىدىننىڭ ئادۋوكاتى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى قولغا ئېلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستانغا تەلەپ سۇنغان، خىتاي سۇنغان ماتېرىياللىرىدا ئەرشىدىننى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق قۇۋۋەتلىك پاكىت كۆرسىتەلمىگەن، خىتاي سۇنغان ئاتالمىش پاكىتلارنىڭ ئارىسىدا، ئەرشىدىننىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇلغان بىر پارچە سۈرىتى بار بولۇپ، ئەرشىدىننىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ۋە تونۇشلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرشىدىن ھاياتىدا ساقال قويۇپ باقمىغان.
ئەرشىدىننى خىتاينىڭ جاسۇسى دەپ ئەيىبلەش باشتىن-ئاخىرى ئاغزاكى ئېلىپ بېرىلغان، بۇ ھەقتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق يازما بىر ھۆججىتى مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاينىڭ تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە دائىر كۆپلىگەن يازما ماتېرىياللار جۈملىدىن سوت ھۆكۈملىرى مەۋجۇت. نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ناھەق ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان كىشى ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇنىي يوللار بىلەن سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە ئىككىنچى قەدەم پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا.