زاۋۇت رەھبەرلىكى ئۇنى پېنسىيىگە چىقىش نىيىتى بار دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئاغرىقلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئايگۈزەلنىڭ يولدىشى، ئۇنىڭ خىزمەت سەۋەبىدىن ئاغرىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، داۋالاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئاخىرى قوشنىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان ئايگۈزەل، زاۋۇت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن 4-دوختۇرخانىغا، يەنى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكىۋېتىلگەن. 4-دوختۇرخانىدا داۋالانغان بولۇش ئۇنىڭ ھاياتىغا يەنە بىر قاتار ئېغىر خاپىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
خىزمەت سەۋەبىدىن ئاغرىغان ۋە يارىدار بولغانلارنى داۋالاش، خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا بۈگۈن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر تۈزۈم.
ئەمما، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەت پولات زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى ئايگۈزەلگە كەلگەندە بۇ تۈزۈم كارغا كەلمىگەن. زاۋۇت 25 يىللىق ئىشچىسى ئايگۈزەلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن چاتىقى بولمىغان؛ ئۇنىڭ ئاغرىقىنىڭ خىزمەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىدەك بىر رېئاللىققا كۆز يۇمۇۋالغان.
ئايگۈزەل پولات زاۋۇتىدىكى بىر سېختا 25 يىل ئىشلىگەن. سېختىكى يۇقىرى ھارارەت ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كېيىنكى يىللاردا باش قېيىش ۋە ھوشسىزلىنىش ئاغرىقىغا دۇچار بولغان. زاۋۇت ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن چاتىقى بولمىغان ۋە داۋالىنىش ئىشىغا ئىگە بولمىغان. نەتىجىدە ئايگۈزەل مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز سۇنغان. ئۇ ھەقسىزلىققا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، زاۋۇت تەرىپىدىن نېرۋا كېسەللىكلەرگە دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇلغان. بۇ ئەھۋالنى ئايگۈزەلنىڭ دوستى گۆھەر مەمەت بىزگە ئىنكاس قىلغان.
زاۋۇتتىكى بەزى ئىشچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ خىل داۋالىنىش ھەققىگە ئېرىشەلمەسلىك، تۆۋەن مائاش بىلەن ئېغىر ۋە پاسكىنا ئىشلارغا سېلىنىش ئاساسەن زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردۇر. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئايگۈزەل دۇچ كەلگەن مەسىلىنى، مىللىي ھوقۇق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىشچىلار ھوقۇقى مەسىلىسى دەپ قاراشماقتا.