ئەرزدار غازى ھامۇت، 6يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان خۇن ھەققى داۋاسىدا ئاخىرى نەتىجىگە ئېرىشتى

غازى ھامۇت يېقىندا يەنى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى، 6 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خۇن ھەققى داۋاسىدا نەتىجىگە ئېرىشىپ، تۆلەنمەي قالغان 87 مىڭ يۈەن خۇن ھەققىنى تۆلىتىۋالغان

0:00 / 0:00

شىخەنزىدە ياشاۋاتقان ئاھالىلەردىن غازى ھامۇت، ئۆتكەن يىلى 11 ‏-ئايدا بېيجىڭغا كېلىپ، 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى ۋە سوت ھۆكۈمىدە بۇيرۇلغان خۇن ھەققىنىڭ بېرىلمىگەنلىك ئەھۋالىنى بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋادا نەتىجە قازىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

شىخەنزە سوت مەھكىمىسى ئەسلىدە، غازى ھامۇتنىڭ ئوغلىنىڭ خۇن ھەققى ئۈچۈن 159 مىڭ يۈەن بېرىلىشنى بۇيرۇغان. ئەمما جاۋابكار تەرەپلەر بۇ پۇلنىڭ پەقەت 72 مىڭ يۈەنىنى بېرىپ، قالغان قىسمىنى بېرىشنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن رەت قىلغان. غازى ھامۇت 6 يىلدىن بېرى توختىماي ئەرز قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرقى ھېسابتا قېپقالغان 87 مىڭ يۈەن خۇن ھەققىنىمۇ تۆلىتىۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىخەنزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئارقا-ئارقىدىن 11 قېتىم يۈز بەرگەن. ئۆلگۈچى ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ شىخەنزىدە بولماسلىقى ۋە ياكى داۋادا چىڭ تۇرالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوراقسىز قالغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، غازى ھامۇت ئۆزىنىڭ داۋادىكى نەتىجە قازىنىشىنى ئاساسلىقى ۋەقەنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغانلىقىدىن كۆرمەكتە. ئەمما رېئاللىق شۇكى، مەسىلە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنمۇ ھەل بولمىغان مىساللار ئاز ئەمەس. ۋەتەندىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، چوڭ ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، نىسبەتەن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنى بۇرۇنقىدەك ئاشكارا ھەقسىزلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئوخشاش ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۈردىكى ئىجابىي ئەھۋاللار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇميۈزلۈك بىر يۈزلىنىش ئەمەس، پەقەت ئايرىم جايلاردا، بەزى چاغلاردا يۈز بېرىۋاتقان قىسمەن ئەھۋاللاردۇر.