خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 14-دېۋىزىيىسى قاراتاغىزلىق دېھقان ئەرزدارلاردىن يەتتىسىگە قاماق جازاسى بەردى

25 نەپەر ئەرزدارنىڭ 7 نەپىرىگە بىر يىلدىن 2 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە مەزكۇر دېۋىزىيىنىڭ ئاقسۇدىكى بىر قاماقخانىسىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىل نويابىردا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 14‏-دېۋىزىيىسىگە تەۋە بولغان خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ قاراتاغىز يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلار، پاختا ۋە چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان. دېۋىزىيە دائىرىلىرى بېيجىڭغا كېلىپ ئۇلارنى قۇرۇق ۋەدە بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ 25 نەپەر ئەرزدارنىڭ 7 نەپىرىگە بىر يىلدىن 2 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە مەزكۇر دېۋىزىيىنىڭ ئاقسۇدىكى بىر قاماقخانىسىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، قاماق جازاسى بېرىلگەنلەر سىراجىدىن ئېزىز، نۇرئابلا نۇرمەمەت، ئابلا ئابلىكىم، ئېلى ھاپىز، ئەخمەت ئوسمان، ئابلەت ئابدۇرېھىم ۋە ئۆمەر سالىھ قاتارلىق 7 كىشىدۇر. بۇلاردىن 4 نەپىرىگە 2 يىللىق، قالغانلىرىغا 1 يىل ئۈچ ئايلىقتىن بىر يىل 8 ئايلىققا قەدەر ئوخشىمىغان مۇددەت بىلەن قاماق جازاسى بېرىلگەن.

قاماقخانا ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى قىلمىشىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدە خاتالىققا ياتقۇدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلار پەقەت، خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان يەنى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلىرى سېتىشنى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماسلىقىنى ۋە بوزەك قىلىنماسلىقىنى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ئۆتۈنۈپ سورىغان.

شۇنداق، ئۇلارنىڭ ئەرز قىلىش سەپىرىدە بىر قاتار ئېگىز-پەسلىكلەر يۈز بەرگەن؛ ئەمما بۇنى ئۇلار ئۆزلىرى سادىر قىلغان ئەمەس، دېۋىزىيە ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلغاندا، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ساقچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە غەۋغالاشقان، ئەمما ئۇلار بۇ غەۋغاغا بىۋاسىتە ئارىلاشمىغان.

ئۇلار بېيجىڭدا تيەنئەنمېن مەيدانىغا نامايىش قىلىش ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ مەيداندىن تېزلا تارقالغان. ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە، ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان دائىرىلەر بىلەن ئاغزاكى تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئەمما، ھېچقانداق تىل-ھاقارەت ياكى ھەرىكەت زوراۋانلىقى سادىر قىلمىغان.

قاراتاغىزدىكى ئاھالىلەر، 7 نەپەر مەھكۇمنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ھېچقانداق بىر خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى، پەقەت دېۋىزىيە دائىرىلىرىنىڭ، يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ئۈچۈنلا، بۇ 7 كىشىگە قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.

قاراتاغىز ئەسلىدە خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە تەۋە بىر يېزىدۇر. 1980-يىللارغا كەلگەندە، بۇ يېزا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 14‏-دېۋىزىيىسىگە بېرىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن يېزىدىكى ئاھالىلەرنى ئىدارە قىلىشمۇ، دېۋىزىيىنىڭ ئىلىكىگە ئۆتكەن. قاراتاغىزلىقلار، دېۋىزىيىگە ھەر مو يەر ئۈچۈن ھەر يىلى 500 يۈەندىن 1000يۈەنگە قەدەر يەر ھەققى تاپشۇرۇشقا باشلىغان. دېۋىزىيە قاراتاغىزنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەش بىلەن قانائەت ھاسىل قىلمىغان. ئۇلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ 50% ئىگە شېرىك چىققان. يەنى دېھقانلارنى پاختا ۋە چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردىن 50% تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. دېۋىزىيە يەنە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ ھەقسىزلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىمۇ توغرا تاپمىغان.