بېيجىڭدا، ئۇيغۇر ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر تۇتۇپ كېتىلىش خەۋپىدە

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىن بىرقانچە ساقچى ۋە ئەرزىيەت خادىملىرى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنى تۇتۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر 10 كۈندىن بېرى مۆكۈنۈپ يۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئۆز ئەرزلىرىنى ئۆز جايىدا ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، ئاخىرقى بىر تاللاش سۈپىتىدە بېيجىڭغا كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزدارلار بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى، يەرلىك دائىرىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ مەزكۇر ئەرزدارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىشنى، ھەتتا جازالاشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك دائىرىلەر ئۈچۈن ھۆكۈمەت پۇلىغا سەيلە - ساياھەت قىلىش پۇرسىتى تۇغۇلماقتا.

بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىكى ساقچى ۋە ئەرزىيەت خادىملىرى، ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنى تۇتۇپ كېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر ھازىر مۆكۈنۈپ يۈرمەكتە.

تۇرسۇن غوپۇر بۇ يىل 33 ياش بولۇپ، ئۇ يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدىن. بىز قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون بەرگىنىمىزدە، دائىرىلەر، تۇرسۇن غوپۇرغا تۆلەم ئۈچۈن، 100 مىڭ يۈەن بەرمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما تۇرسۇن غوپۇرنىڭ، بۇ پۇلنى ئالمىغانلىقىنى، شۇڭا تۇرسۇن غوپۇرنىڭ بېيجىڭدا قىلىۋاتقان ئەرزىنى قانۇنسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تۇرسۇن غوپۇرنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى، دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى رەت قىلدى.

يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئەرزى قەشقەردىكى ھەربىي قىسىم ئۈستىدىن. 1993 ‏- يىلى، تۇرسۇن غوپۇرنىڭ بىر ئىنىسى قەشقەردىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆزى ۋە يەنە بىر ئىنىسى بۇ پارتلاشتا ئېغىر يارىلىنىپ مېيىپ بولغان. پارتلاش ۋەقەسى قەشقەردىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

ئەمما، تۇرسۇن غوپۇر ئائىلىسىگە مەيلى ھۆكۈمەت، مەيلى ھەربىي دائىرىلەر ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن. تۇرسۇن غوپۇر 15 يىلدىن بېرى يەنى 17 يېشىدىن باشلاپ، مانا بۇ ئەرز بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.