0:00 / 0:00
ئىگىلىشىمىزچە، تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى قاماققا تاشلانغان، بەزىلىرى ئۆيىدە ياكى سىرتتا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا يالغان سۆزلەر بىلەن ئالدىنىپ بېيجىڭغا كېلىپ ھەرىكەت قىلىشتىن توسۇپ تۇرۇلغان. 18 - قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن؛ قويۇپ بېرىلگەنلىرىدىن پۇرسەت تاپقانلىرى بېيجىڭغا يەنە يېتىپ كېلىپ، ئەرزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان.
بۇ ئەرزدارلار بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېشىغا كەلگەنلىرى ۋە نېمە ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەرزگە كېلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.