بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ سانى بەزىدە 200 ئەتراپىغا بېرىپ قالسا، بەزىدە 20 - 30غا چۈشۈپ قالىدۇ. ساندىكى تۆۋەنلەش ھەرگىز، سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشتىن ياكى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن ئەمەس. خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق دۆلەت ۋە مىللىي بايراملىرى، خەلقئارالىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە كۆرگەزمىلىرى شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ پارتىيە ۋە خەلق قۇرۇلتايلىرى، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدىن ھەيدىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. خىتاي بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئىچىدىكى يېتەكلەش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان غوللۇق ۋە ئاكتىپ ئەرزدارلارغا قارىتا نۇقتىلىق زەربە بېرىشنى باشلىغان. خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆمەرجان ئابلا ئىسىملىك بىر ئەرزدارنى ئەرزدارلارنىڭ كاتتىۋېشى دەپ قاراپ قولغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە يەنە، تونۇلغان ئەرزدارلاردىن، تۇرسۇن غوپۇر، ئايگۈل توختى، خالمۇرات ۋە گۈلجەننەت قاتارلىقلارمۇ، خىتاينىڭ ئەرزدارلار ئۈچۈن ھازىرلىغان قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەسلىدە ئايگۈل توختىنىڭ ئەرزى تارتىۋېلىنغان قورا - جاي ئۈستىدە بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئۇ بورتالادا قانۇنسىز ھالدا 10 كۈن سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئەرزى ئىككىگە كۆپەيگەن. بۇ قېتىم ئۇ خىتاي ساقچىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ، ساقچىخانىغا قاماپ قويۇلغان مەزگىلدە، چېدىردىكى يۈك - تاقىلىرى يۈتۈپ كەتكەن. بۇنىڭ يۈتۈشىگە ساقچىلارنىڭ چېدىرىنى بۇزۇۋېتىشى سەۋەب بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئايگۈل توختىنىڭ ئەرزى ئۈچ كۆپەيگەن. ئۇ نۆۋەتتە چېدىرى بۇزۇلغاندا يۈتكەن يۈك - تاقىسى ۋە ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدىمۇ ئالاقىدار ئورۇنلارغا شىكايەتلىرىنى سۇنماقتا.