تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بىر كۈن بولسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتماقتا. خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن تەڭ كېلىپ قالغان ئەسەد كۈچلىرى ئارقىغا قايتالمىغاندەك ئالدىغىمۇ ئىلگىرىلىيەلمەستىن تۇرۇپ قالماقتا ئىكەن. ئەمما ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان غەلىبە خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەن. چۈنكى ئەسەد كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنى تەن ئالماستىن، دەمەشىق بىزنىڭ قولىمىزدا دەپ داۋراڭ سالماقتا ئىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى10 - سىنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا يازغۇچى ئابدۇراخمان راشىدنىڭ قەلىمى بىلەن« ئەسەدمۇ سەيفۇلئىسلام كازافىغا ئوخشايدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
« لىۋىيىدەك خەلق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئەممەر كازافىنىڭ ئوغلى سەيفۇلئىسلام كازافى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈنلەردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغانىدى، ئۇلارغا ئۆزىدە بولمىغان قۇدرەتنى نامايان قىلغۇسى كېلىپ، نامايىشچىلارنىڭ تارابلۇس شەھىرىنى ئالدۇق دېگەنلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ۋە كازافى كۈچلىرىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىرلارنىڭ <نامايىشچىلار سىزنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟> دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، < جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى دېگەن نېمىكەن ئۇ؟ ئۇ دېگەن مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس> دېگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە لىۋىيە تۈرمىسىدە ئۇنىڭ بىرلا ئارزۇسى ئۆزىنى لىۋىيىدە سوتلىماستىن، بەلكى خەلقئارا جىنائىي ئىشلار مەھكىمىسىدە سوتلاشنى تەلەب قىلىشتۇر. چۈنكى سەيفۇلئىسلامنىڭ ئېتىقادىغا كۆرە، ئۇ لىبىيە مەھكىمىسىدە سوتلانسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېنىق ئىكەن. ئەمما خەلقئارا جىنايى ئىشلاردا مەھكىمىسىدە ئادالەتلىك بولارمىش. خۇددى شۇنىڭدەكلا بەششار ئەل ئەسەد سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن ئەخدەر ئىبراھىمى باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ھەيئەتنى كۆزگە ئىلماي كەلمەكتە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرماقتا. ئەسلىدە بىلسە، ئەسەدنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدىغان بىرلا چارە بۇ ھەيئەتنىڭ غەلىبىسى ئىدى. ئەسەد شۇنداق قىلىپ قولىغا كەلگەن پۇرسەتلەردىن قۇرۇق قالماقتا. كېيىنچە، خۇددى سەيفۇلئىسلام خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە تەلمۈرگەندەك، ئەسەدنىڭمۇ خەلقئارا ھەيئەتكە تەلمۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇرسەت كېتىپ قالغاندا ئۇنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم قالمايدۇ. خۇددى ئۆتكەن يىلى سەيفۇلئىسلام كازافى <خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنى ئۇ دېگەن مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس> دېگەندەك، ئەسەدمۇ سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن خەلقئارالىق ھەيئەتنى <ئۇ دېگەن مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس دېمەكتە> ئەمما پات يېقىندا سەيفۇلئىسلامدەك ئۇنى سېغىنىدۇ.»
0:00 / 0:00