خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەش كۆرسەتكۈچىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرمەكچى

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن سۈرئىتى بىر ئاز ئاستىلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، يېقىندىن بۇيان قايتىدىن جىددىي ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە 2004 يىلىدىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۆپلەپ يۆتكىشى ئاخىرى 26-ئىيۇن شياۋگۇەن پاجىئەسىگە ۋە يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىدە خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ يۈرۈشۈشى مەزگىل تەبىئىي توسالغۇغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2009 يىلى-7 ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرى مەخسۇس بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ «بۇنىڭدىن كېيىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى بارغانچە كۈچەيتىمىز، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرىمىز» دېگەن ئىدى.

دەرۋەقە خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلىدىن كېيىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قەدىمىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. شۇنداقلا 12-بەش يىللىق پىلاندا يەنىمۇ كۆپ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەپ يۆتكەپ ئىشقا ئاشۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.خىتاينىڭ-11 بەش يىللىق پىلانى داۋامىدا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن 8 مىليون ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم.

2012-يىلى-2 ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىدىن 11 مىليوننى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ھەمدە بۇنىڭدا نۇقتىلىق ياردەمگە قاتنىشىۋاتقان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىنى، ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىدىغان ئاساسلىق نۇقتا قىلىدىكەن شۇنداقلا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدا «ھەر بىر ئائىلىدە بىر خىزمەتچى، بىر شەھەر نوپۇسى، بىر ئىشچى بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتە ئىكەن.

2011-يىلى ئۇيغۇر ئېلى بويىچە يېزىلاردىكى 2 مىليون 487 ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، شېنجېن، تيەنجىن قاتارلىق خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە يۆتكەلگەنلەر 150 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، بايىنغولىن، ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا مەركەزلەشكەن. قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىنلا سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 144مىڭ ئادەم قېتىمغا خوتەننىڭ بولسا 408 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى مەلۇم ئەمەس. ئەمما سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 83% تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىگىلىگەن.

12-بەش يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا جەنۇبتىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلىپ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى، يەنى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارغا ئۆتەلمەي قالغانلار، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاۋۋال قىسقا مۇددەتلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ 27-فېۋرال خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، ئۆتكەن ھەپتە قىزىلسۇدا زىيارەتتە بولغاندا، مەخسۇس ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدىكى 579 ياشقا باشلامچى بولۇپ، جېجياڭنىڭ سىشى شەھىرىگە ئىشلەمچىلىككە بېرىپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان 23 ياشلىق رەيھانگۈل ئىمىرنى يوقلىغان ۋە ئۇنىڭغا «بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز» دېگەن. رەيھانگۈل ئىككى كۈندىن كېيىن، يېزىدىكى ياشلارنى جېجياڭغا ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتەشكە ۋەدە بەرگەن. خەۋەردە رەيھانگۈل ئۈجمە يېزىسىدىن جېجياڭغا ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىدىغانلار ئىچىدە 17 ياشقا كىرگەن ئاينۇر ئىسىملىك بىر قىزنىڭ بارلىقى، جاڭ چۈنشەن ئۇنىڭدىن «سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچى بولۇشتىن قورقۇۋاتامسىز، ئۆيىدىكىلەرنى سېغىنامسىز» دەپ سورىغاندا، ئۇ قىز «سىرتقا چىقىپ ماھارەت ئىگىلەپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى يازغان.

خىتاينىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە دائىر سىياسەتلىرىدە داۋاملىق، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسەن 18 ياشتىن يۇقىرى 25 ياشقىچە بولغان ياشلارنى ئاساسلىق قىلىپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەق-ھوقوقلىرىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخى قورۇمىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ھىمايىسىز ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئىشلەمچى بولۇپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تۈرلۈك دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. شياۋگۇەن ۋەقەسى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلىدىكى 26-ئىيۇن شياۋگۇەن ۋەقەسى ھەمدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەلەرگە چېتىلغان قەشقەر توققۇزاق ۋە پەيزاۋات قاتارلىق جايلاردىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قەدىمىنى بىر قەدەر ئاستىلاتقان ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەش ناملىرى بىلەن يۆتكەش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.

گەرچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش بىر قەدەر نازۇك مەسىلىگە ئايلانغان جايلاردىن ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنى بىر ئاز ئاستىلاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە ياكى ئۆز يۇرتلىرىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان ھەتتا بەكرەك كۈچەيتىلگەن ھەمدە بەكرەك سىستېمىلاشقان. ئاقتۇنىڭ چېگرا رايونىغا توغرا كېلىدىغان بىر يېزىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كادىرى خىتاي ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچى يۆتكەشنىڭ باشلانغانلىقىغا ئىككى، ئۈچ يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن چەت-ياقا يېزىلاردىمۇ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى سېلىش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاساسەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈرۈشۈشىگە پۇختا ئاساس سېلىپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەشنى ئاساس مەقسەت قىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ياشلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ۋە ياكى شىنجاڭ سىنىپىغا ئاپىرىپ ئوقۇتۇش باھانىسىدە يۆتكەش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نوپۇس ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقى دەپ تەنقىد قىلىپ قىلماقتا، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدەك قانلىق ئاقىۋەتلەردىن ساۋاق ئالماي بۇ خىل سىياسىتىنى يەنىمۇ سىستېمىلىق ھالدا جىددىي داۋام قىلىشى ئۇيغۇرلارغىمۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.