خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا «جەنۇبىي شىنجاڭ پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، 12-بەش يىللىق پىلانىدىكى ئاساسلىق بىر نۇقتا قىلىپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنمۇ بۇ سىياسەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 22 تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن، مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىمۇ، قەشقەر يېزىلىرىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
6-مارت كۈنى، بېيجىڭدا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى، مەخسۇس 12-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان سىياسەت، پىلانلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن. جۇڭگو تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۇر بەكرى دوكلاتىدا يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختىلىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا يۆتكەش، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر دەپ كۆرسىتىپ، بۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇش پىكرىنى بەرگەن. نۇر بەكرى 2008 يىلى «يېزىلاردا ھەر بىر ئائىلىدىن بىرنى خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنمۇ 8-مارت خىتاي ئاخباراتلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 22 تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىدىكى ئۈچ چوڭ خىزمەتنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر خەۋەرلەرگە ماس ھالدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن، بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزىلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەرلەر تارقىتىلدى.
قەشقەر مەھكىمە تورىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، پەيزاۋات ناھىيىسىدىن 2010-يىلىدا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 81479 ئادەم بولۇپ، بۇلارنىڭ 4274 نەپىرى تەشكىللىك ھالدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن.
شىنجاڭ گېزىتى 9-مارت سانى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىن 50 نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىشلەش ئۈچۈن 7-مارت ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن جياڭسۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، مۇشۇ ناھىيىدىن بۇ يىل خىتايغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى بولۇپ، ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ بىر يىلدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى 79 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش ئىكەن.
گەرچە، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە داۋاملىق تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىپ بېرىۋاتقان قىزلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى بولماي كەلمەكتە. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 26-ئىيۇل شياۋگۇەن قانلىق ۋەقەسى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ ھەقتە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇر ئېلىش يوللىرىنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاپ، قاتتىق كونترول قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە، قىزلار يۆتكىلىۋاتقان زاۋۇت ناملىرىمۇ يوشۇرۇپ قېلىنغان. بىز ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ قانداق يوسۇندا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قەشقەر يەرلىك دائىرىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ، ئاخىرى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدىن بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىگە بولالىدۇق، تازغۇن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قىلغان تېلېفون ئۇلىنىغىمىزدا، بىر خىتاي كاتىپ مەزكۇر يېزىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ 11-مارت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئاياق تىكىش زاۋۇتىغا مېڭىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى:
-بۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ؟
-شۇنداق.
-مەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىش ئەھۋالىنى سوراپ باقاي دېگەنتىم.
-ئەۋەتىۋاتىمىزغۇ.
-ھازىرمۇ داۋاملىق ئىچكىرىگە ئەۋەتىۋاتامسىلەر؟
-ھە، ئەتىلا بىر تۈركۈم مېڭىش ئالدىدا.
-ماڭىدىغانلار قانچىلىك؟
-ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن بۇ ئىشقا مەسئۇل ئەمەس.
-ماڭىدىغانلار ھەممىسى توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلارمۇ؟
-ھەرقاچان شۇنداق.
-ئۇلار قايسى شەھەرگە بارىدۇ؟
-بىزنىڭ بۇ تەرەپنىڭ ئاساسەن دۇڭگۇەنگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ يەردە بىر ئاياق زاۋۇتى بار، بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى، شۇ يەرگە مەركەزلىك يۆتكىلىدۇ. ئىشلەپ قايتىپ كەلگەنلەرمۇ بار. قايتا بېرىۋاتقانلارمۇ بار.
-بۇ يېزىدىن ئۇ جايغا ھازىرغىچە قانچىلىك ئۇيغۇر قىزلىرى بارغاندۇ؟
-ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن، ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. ئادەتتە بىرەر يىلچە ئىشلەپ قايتىپ كېلىدۇ.
قايتىپ كەلگەنلەرنى تەشۋىقات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، مۇكاپاتلايمىز، بالىلىرىنى ئەۋەتكەن ئائىلىلەرنى باھالاش، مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز.
-ئۇنداقتا بارغىلى ئۇنىمىغانلارغىچۇ؟ جازالاش ئۇسۇلى قوللىنامسىلەر؟
-بالىلىرى ئىچكىرىدە پۇل تاپقاندىن كېيىن ھازىر دېھقانلارنىڭمۇ ئېڭى ئېچىلدى. جازالاش يوق، ئۆزلۈكىدىن بالىلىرىنى بېرىۋاتىدۇ، مەجبۇرلىمايمىز.
ئۇ، باشقا ئەھۋاللارنى مۇشۇ ۋەزىپىگە مەسئۇللاردىن سوراڭ دەپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى توختاتتى.
يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئوقۇغۇچىمۇ، ئەتە يەنە بىر تۈركۈم قىزلارنىڭ ئىچكىرىگە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى:
خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلارنى بىر مىليون ئىككى يۈزمىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش پىلانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەپ كەلمەكتە ئىدى، ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن دائىرىلەرنىڭ يۆتكەش داۋامىدا ھەتتا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى، پەيزاۋات ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ بايانلىرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل سىياسەتنى يەنىلا مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى:
خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلى بىر يىلدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سانىنى بىر مىليون 800مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزگەنلىكى ئېلان قىلغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە كېيىنكى بەش يىلدا، يەنى 12-بەش يىللىق پىلانىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى 11مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش-ئۇزۇن مۇددەتلىك جەڭ» دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما، بۇ ساننىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەۋاتقانلىقى يەنىلا ئېنىق ئەمەس.