تۈنۈگۈن نيۇيوركتا ئېچىلغان خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن يەنە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار كۇرسىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان ئېستونىيىگە بېرىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندى.
نيۇيوركتا ب د ت نىڭ 66-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلار نيۇيوركقا جەم بولۇپ، دۇنيادىكى جىددىي ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ئۈستىدە يىغىن ئاچقان. ئىككى كۈن داۋام قىلغان يىغىندا، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ب د ت دا ۋەكىلى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ، ھەم بىر قىسىم ئېزىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان ئاز سانلىق گۇرۇپلارنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا سۆز قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئېستونىيە سەپىرى ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئېستونىيىدە ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كۇرسىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيە ساھەسى بويىچە تەربىيىلىنىدۇ.