ئىنفورماتسىيە مەركىزى دوكلاتىنىڭ تەييارلىنىشى ھەققىدە سۆھبەت

1 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، باش شتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى ھەققىدە "غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپەت" ناملىق بىر تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى ۋەزىيەت تەقەززاسى ھەققىدە توختالغان ئىنفورماتسىيون مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان « غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى " نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تاشقى دۇنياغا تونۇتۇش زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن ئۇشبۇ دوكلاتنى تەييارلاپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاۋاز

خىتاي " غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى" نى تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، تۆمۈر يول قەشقەرگە ئۇلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى داۋاملىق يۆتكەش ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ " قوش تىل مائارىپى" سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، قارىماققا " غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى" خىتاينىڭ يۇقىرىقى سىياسەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈش ئىشلىرىنى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك نىشان ۋە ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەندەك قىلاتتى.

دەرۋەقە، شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى تەييارلاپ ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ " غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى" تونۇشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلى ئالىي مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى مەركىزى شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەتتا يەسلىلەرگىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش گىردابىغا بېرىپ يەتكەن بولسا، يېزا - قىشلاقلاردا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلى مائارىپى قەدەممۇ - قەدەم ئىگىلەشكە باشلىغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: " شەرقىي تۈركىستاندىكى قوش تىل مائارىپى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى چەكلەنگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوقۇ - ئوقۇتۇشتا خىتاي تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىۋاتقان بىر يەك تىل مائارىپىدۇر."

بۇ ھەقتە توختالغان ئىنفورماتسىيە مەركىزى باشلىقى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى، خىتايچە ئۆگىنىشنىڭ يامان يېرى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە كۈلتۈرىنى خاراب قىلىش بەدىلىگە توختىسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش داۋام ئېتىۋاتقان شارائىتتا خىتاي ئىشلەمچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ يۆتكەپ كىرىش خىزمىتىنى داۋام ئەتمەكتە. بۇ ھەقتە توختالغان ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا يۆتكەپ كېلىدىغان خىتاي مەدىكارلىرىنىڭ سانى بۈگۈنگە كەلگەندە يىلىغا ئۈچ مىليونغا يەتكەن.

قىسقىسى دوكلاتتا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان " غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى " نىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغان بىر سىياسەت ئىكەنلىكى خۇلاسىلانغان بولۇپ، ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىمۇ سۆزىدە بۇ خىل قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى.