دوكلاتتا 1999 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان مەزكۇر سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مەقسىتى قاتارلىقلارغا ھەر تەرەپلىمە ۋە پاكىتلىق قاراپ چىقىلغان ھەمدە غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق قۇرۇتىۋېتىشنى سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق شەكىلدە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىلگەن
شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى 1 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدە قانداق شەكىلدە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۈستىدە تەپسىلىي ئىزدەنگەن.
دوكلاتتا ئاساسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى ئاساسىدا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، ئىقتىساد ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشى، يەر ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ خورىتىلىشىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى، بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلاننى يۈرگۈزۈش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرغانلىقى ھەمدە يەنە، بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن نامراتلىق قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، خىتاي ئىچىدىكى بىرىنچى قول ئۇچۇر - ئاخباراتلارنى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا مەزكۇر دوكلات، خىتاي ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەر،ئاخباراتلار ئاساسىدا تەييارلانغان.
دوكلاتتا: " 'غەربنى ئېچىش' سۇيىئىستېمال قىلىش دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ"
دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ "غەربى ئېچىش سىياسىتى" نى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە توختالغان قىسمى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان.
بۇ قىسىمدا ئالدى بىلەن "غەربنى ئېچىش" ئاتالغۇسىغا ئىزاھات بېرىلگەن ۋە بۇ خىتايچە ئاتالغۇنىڭ قانداقتۇر غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياكى ئېچىپ گۈللەندۈرۈش دېگەندىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى تەڭسىز ھالدا " ئىشلىتىش" ياكى خىتاينىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش دېگەندىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كېيىن، غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئالامەتلەر ئاساسىدا يەكۈنلىگەن خۇلاسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈشتىكى يەنە بىر مەقسىتىنىڭ "شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ´ مەزكۇر رايوندا خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
" 'غەربى ئېچىش سىياسىتى' خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىستىراتېگىيىسى"
ئاخىرىدا گەرچە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى 12 رايوندا تەڭلا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەركەزلىك يۈرگۈزۈلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، بۇنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە غەربنى ئېچىش سىياسىي يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان مەزكۇر رايونغا مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما "ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئېگىز بىنالار، تۆمۈر يول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار قاتارلىق ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قاتناش - ترانسپورت، كۆچۈش ۋە تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قۇلايلىق تۇغدۇرۇش ئۇچۇن ئىدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن كېلىپ يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭغا يەتكەن
دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر پارچە خەۋىرى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلىپ ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان 30 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆينىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق كىنىشكىسى بولمىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېتىپ بېرىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە، تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ "شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىش قىزغىنلىقى" ۋايىغا يەتكەن 2005 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن كېلىپ يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭغا يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەھەرلەرنىڭ كىملەر ئۈچۈن بەرپا قىلىنغانلىقى ئۈستىدە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى خىتايلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، شىخەنزە، كۈيتۇن قاتارلىق شەھەرلەردە ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى يەرلىك ئۇيغۇرلارغىمۇ خىزمەت ۋە باي بولۇش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ دېگەن ئارزۇنىڭ پەقەت خام خىيال ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ كېيىنىكى قىسىملىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.