يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، ساختا تۇخۇم،ساختا گۈرۈچ، زەھەرلىك پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، «رەڭلىك ھورنان»، «ئورۇق گۆش جەۋھىرى»، «راكقا داۋا مىنېرال سۇ»، ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان سۈپەتسىز چۆچۈرە، كورىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان نەچچە مىڭ توننا يېسىۋىلەكنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىدە خىتاينىڭ يېمەكلىكلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ قويدى. يېقىندا خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيىسى ساقچىلارنىڭ خىتايدىكى 14 ئۆلكىگە يېيىلغان ئەۋرەز يولى (يۇندا تۇرۇبىسى) مېيىنى يېمەكلىك مېيى ئورنىدا سېتىش دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«بۈيۈك ئىرا» تورىنىڭ مۇخبىرى خۇيجى ئەپەندى «يۇندا تۇرۇبىسى مېيى كىمنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە «يۇندا تۇرۇبىسىدىن چىققان نىجاسەت ئېقىندىلارنى، چىرىتىش كۆلچەكلىرىدىكى غەلدى-غەشلەرنى، ئەخلەت ۋە ئاشخانىلارنىڭ يۇندىلىرىنى ھەمدە كۆكتاتلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى چەككىلەش ئارقىلىق ئايرىۋېلىنغان ماينى بىلدۈرىدۇ» دەپ يازدى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەۋرەز مېيى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا زەمبۇرۇغ ۋە مىكروبلار بولۇپ، چەككىلەش جەريانىدا ئېچىپ قېلىش، ئوكسىدلىنىش قاتارلىق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، ئۈچەي، جىگەر، يۈرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك ئىششىپ كېتىش ھەمدە مايلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە ھەتتا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئادەم ئورگانىزمىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان نىجاسەتنىڭ چىرايلىق يالتىراقلار بىلەن نىقابلىنىپ خىتاينىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدىكى تاللا بازارلىرىدا،چوڭ-چوڭ رېستورانلارنىڭ تاماق ئۈستەللىرىدە پەيدا بولۇشى خىتايلىقلارنى يەنە بىر قېتىم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەندىشىسىگە ۋە ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
خۇيجى ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەۋرەز مېيىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتىشقىچە بولغان ناھايىتى زور كۆلەملەشكەن كەسپى تور شەكىللەنگەن بولۇپ، ۋۇخەن سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى خې دوڭپىڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە نۆۋەتتە ھەر يىلى خىتايلار ئىستېمال قىلىۋاتقان ئەۋرەز مېيى ئۈچ مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن. خۇئانوڭ يېمەكلىك پەن-تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ چىڭمىڭ بولسا خې پروفېسسورنىڭ مۆلچىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە 2009-يىلى خىتايدا ئىستېمال قىلىنغان ئەۋرەز مېيى 4-5 مىليون توننا ئەتراپىدا دەپ قارايدۇ. بۇ خىتايلىقلار ھەر يىلى ئىستېمال قىلىۋاتقان 22 مىليون 500 مىڭ توننا ماينىڭ 10% تىن كۆپرەكىنى ئەۋرەز مېيى تەشكىل قىلىدۇ، دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
«پۇل مۇئامىلە گېزىتى» خىتايچە تور بېتى 20-سېنتەبىر ئېلان قىلغان يې تيەن ئەپەندىنىڭ «ئالاھىدە تەمىنات-ئەۋرەز مېيىنىڭ مەنبەسى» ناملىق ماقالىسىدە خىتايدىكى ئالاھىدە تەمىنات تۈزۈمى بارلىق بالايىئاپەتلەرنىڭ مەنبەسى، دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتايدا مەركەزدىن تارتىپ ئۆلكە، شەھەر ھەتتا ناھىيە رەھبەرلىرىگىچە ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاينىڭ ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلىرىدە مەخسۇس دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە فېرمىلار بارلىققا كەلگەن. بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان ھېچ قانداق خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن ئورگانىك يېمەكلىكلەر بىلەن يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر تەمىنلىنىدۇ. يېڭىدىن بېيىغان بىر تۈركۈم پۇلدارلارمۇ يېزىلاردىن مەلۇم مىقداردا يەرلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىشلەمچىلەرنى ياللىۋېلىپ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك زىيانسىز كۆكتات ۋە يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدىغان ئورۇنلارنى قۇرۇۋېلىشقان. بۇ خىل چىرىكلەشكەن تۈزۈلمە ئۆز نۆۋىتىدە ھۆكۈمرانلار ۋە پۇلدارلارنى خىتايدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ساختا يېمەكلىكلەر كرىزىسىدىن ساقلىنالايدىغان،ئاۋام پۇقرانىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بولسا ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.شۇ سەۋەبتىن ئەۋرەز مېيى دېلوسى 2004-يىلىلا پاش بولغان بولسىمۇ،تاكى يېقىنقى مەزگىلگىچە بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىدىغان بىرەر ئورگان بولمىغان. ھەممىدىن ئەجەبلىنەرلىكى،يېقىندا خىتاينىڭ يېمەكلىك سۈپەت ئۆلچىمى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئون خىل ئەۋرەز مېيىنىڭ سەككىزى سۈپەتلىك يېمەكلىك مېيى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
