ئەخلاقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىسى - تەربىيە

ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ياخشىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ چارىسى تەلىم - تەربىيە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى تەربىيە بىلەن مەشق ئادەملەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ۋەھشىي، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىمۇ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئوخشاش كۆندۈرۈش كۈچىگە ئېگە. مەسىلەن: سېرك ئويۇنى كۆرسىتىدىغانلار تەبىئىتى ۋەھشىيلىك بىلەن تولغان شىرنى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانغا ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە ئىنسانلارغا چېقىلمايدىغان ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئىنسانلار دېلفىننى مەشق قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىچىك بالىلارمۇ ئۇنىڭدىن قورقماستىن بىرگە تاماشا قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ.

0:00 / 0:00

ئىنساندىكى ئەخلاق ئۆگىنىش قابىلىيىتى

»ئىسلام ‬ئەخلاقى» ‬ناملىق ‬ئەسەرنىڭ ‬ئاپتورى ‬ئابدۇراھمان ‬ھەبەننەكە ‬مۇنداق ‬دەپ ‬يازىدۇ: « ‬ئۆزىدە ‬گۈزەل ‬ئەخلاقلارنى ‬يېتىلدۈرۈش ‬ئۈچۈن ‬تەبىئىي ‬قابىلىيەت ‬بولغان ‬ھەر ‬قانداق ‬ئەقىللىق ‬ئىنسان ‬ئەخلاقىنى ‬ئىسلاھ ‬قىلىش ‬يولىدا ‬تىرىشچانلىقلا ‬كۆرسىتىدىكەن، ‬ئۇ ‬چوقۇم ‬گۈزەل ‬ئەخلاقلانى ‬ھاسىل ‬قىلالايدۇ. ‬مەسىلەن: ‬تىز ‬ئاچچىقلىنىدىغان ‬ئادەم ‬ئاچچىقى ‬كەلگەندە ‬ئۆزىنى ‬تۇتۇۋالىدىغان ‬ئېغىر ‬بېسىقلىقنى ‬ھاسىل ‬قىلىش ‬ئۈچۈن ‬بەل ‬باغلاپ ‬تىرىشچانلىق ‬كۆرسەتسە، ‬تەربىيە ‬يولى ‬بىلەن ‬ئۇ ‬چوقۇم ‬ئېغىر ‬بېسىقلىقنى ‬ھاسىل ‬قىلالايدۇ. ‬ئەڭ ‬ئۇچىغا ‬چىققان ‬شەخسىيەتچى ‬ئادەممۇ ‬ئەگەر ‬ئۇنىڭدا ‬سېخىيلىققا ‬ئادەتلىنىش ‬ئۈچۈن ‬تەبىئىي ‬قابىلىيەت ‬ۋە ‬تەبىئىي ‬تەييارلىق ‬بولۇپ، ‬سېخىيلىققا ‬ئادەتلىنىش ‬ئۈچۈن ‬چىن ‬ئىرادە ‬تىكلىسە، ‬تەربىيە ‬يولى ‬بىلەن ‬ئۇ ‬چوقۇپ ‬سېخىيلىققا ‬ئادەتلىنىدۇ ‬ۋە ‬سېخىيلىقتىن ‬ئىبارەت ‬بۇ ‬گۈزەل ‬ئەخلاقنى ‬ئۆزىدە ‬يېتىلدۈرەلەيدۇ. ‬مۇنداق ‬بىر ‬شەخسىيەتچى ‬ئادەم ‬بىردىنلا ‬باشقىلارنىڭ ‬مەنپەئەتىنى ‬كۆزلەپ، ‬ئۆز ‬مەنپەئەتىدىن ‬كېچىش ‬دەرىجىسىگە ‬يېتەلمىسىمۇ، ‬ئۇ ‬باشقىلارغا ‬ئۆتەشكە ‬تېگىشلىك ‬ھەق - ھوقۇقلارنى ‬ئادا ‬قىلىشى ‬ئۈچۈن ‬يېتەرلىك ‬مىقداردا ‬سېخىيلىقنى ‬يېتىلدۈرەلەيدۇ. ‬باشقا ‬ئەخلاقىي ‬پەزىلەتلەرنىڭ ‬ھەممىسى ‬بۇنىڭغا ‬ئوخشاش ‬بولۇپ، ‬ئۆزىدە ‬تەبىئىي ‬قابىلىيەت ‬بولۇش ‬شەرتى ‬بىلەن ‬ھاسىل ‬قىلىش ‬يولىدا ‬تىرىشقان ‬ھەر ‬قانداق ‬ئادەم ‬چوقۇم ‬ئۇنى ‬ھاسىل ‬قىلالايدۇ. ‬بۇ ‬ئىنساننىڭ ‬قولىدىكى ‬ئىش. »

ئۆزىنى ‬تەربىيىلەشنى ‬بىلمىگەن ‬ئىنسان ‬باشقىلارغا ‬ئۈلگە ‬بولالمايدۇ

ئاپتور ‬يەنە ‬مۇنداق ‬دەپ ‬يازىدۇ:« ‬ئۆزىنى ‬تەربىيە ‬بىلەن ‬ئىسلاھ ‬قىلىش، ‬ئۆزىدە ‬گۈزەل ‬ئەخلاقنى ‬يېتىلدۈرۈش ‬ئىشىغا ‬ئەھمىيەت ‬بەرمىگەن ‬ئىنسان ‬نۇرغۇنلىغان ‬ياخشىلىقلاردىن ‬قۇرۇق ‬قالغاننىڭ ‬سىرتىدا، ‬ئائىلىسىدىكىلەرگە، ‬دوستلىرىغا، ‬خىزمەتداشلىرىغا ‬ۋە ‬يۇرت - جامائەتكە ‬ئۈلگىلىك ‬ئادەم ‬بولۇشتىن ‬مەھرۇم ‬قالىدۇ. ‬ئىنسان ‬بىرەر ‬ساھەدە ‬بولسىمۇ ‬باشقىلارغا ‬ئۈلگە ‬يارىتالمىسا، ‬ئۇنىڭ ‬ئىنسانلىقىنىڭ ‬ئەھمىيىتى ‬بولماي ‬قالىدۇ ‬ۋە ‬يوقاپ ‬كەتسە ‬ئىزدەنمەيدىغان، ‬بولسا ‬ئېتىبار ‬بېرىلمەيدىغان ‬ئەھمىيەتسىز ‬ئىنسان ‬بولۇپ ‬قالىدۇ. ‬ئاللاھ ‬تائالا ‬ھەر ‬بىر ‬ئىنسانغا ‬باشقىسىدا ‬بولمىغان ‬ئالاھىدىلىكنى ‬ۋە ‬پەزىلەتنى ‬ئاتا ‬قىلغان ‬بولۇپ، ‬كۆپلىگەن ‬كىشىلەر ‬ئۆزلىرىدىكى ‬بۇ ‬ئالاھىدىلىكنى ‬ھېس ‬قىلمايدۇ، ‬ئۆزىدىكى ‬يوشۇرۇن ‬پەزىلەتنى ‬بىلمەيدۇ، ‬بۇ ‬سەۋەبتىن ‬ئۇلارنى ‬ئوتتۇرىغا ‬چىقىرىپ، ‬ئۆزىنى ‬ئىسپاتلىيالمايدۇ. ‬ئەگەر ‬ھەر ‬بىر ‬كىشى ‬ئۆزىنى ‬تەكشۈرىدىغان ‬بولسا، ‬ئۆزىدىكى ‬قىڭغىرلىقلارنى ‬تاپالىغاندەك، ‬ئۆزىدىكى ‬ئالاھىدىلىكلەرنى ‬ۋە ‬پەزىلەتلەرنى ‬تاپالايدۇ. ‬ئەگەر ‬ئىنسان ‬ئەخلاقىدىكى ‬قىڭغىرلىقلارنى ‬تۈزىتىش ‬ئۈچۈن ‬تىرىشماستىن، ‬ئۆزىنى ‬ۋە ‬ئەخلاقىنى ‬ئۆز ‬يولىغا ‬قويۇۋەتسە، ‬قىيامەت ‬كۈنى ‬بۇ ‬مەسئۇلىيەتسىزلىكى ‬سەۋەبلىك ‬جاۋابكارلىققا ‬تارتىلىدۇ.»

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.