ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ خەتىرى

ئەخلاق ئىنسان زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە كۆركەملىك بىر كىيىم بولسا، ئەخلاقسىزلىق خۇددى كىيىمسىزلىككە ئوخشاش ھاياسىزلىقتۇر. شۇڭا قەدىمكىلەر" ھاياسىزدا ئىمان يوق" دەپ توغرا ئېيتقان. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل زىيان - زەخمەتلەردىن ئۆزلىرىنى قوغداپ تۇرىدىغان ھايا دېگەن كىيىمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ھەر تۈرلۈك ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ ئازگىلىغا چۈشۈپ قالىدۇ.

0:00 / 0:00

ئەخلاقىي جىنايەتلەر ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى، بەخت - سائادىتىنى، ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى بۇزىدىغان ۋە ئۇلارنى زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدىغان ئېغىر قىلمىشلاردۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ئىمانغا زورلاش مۆمىن ئىنساننى بارلىققا كەلتۈرەلمىگەندەك، ياخشىلىققا زورلاشمۇ ياخشى ئىنساننى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. روھىي ۋە ئەقلىي ئەركىنلىكلا مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئەسلىدىن ياخشىلىقنى سۆيىدۇ ۋە ياخشىلىققا ئىنتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئىنسان ياخشلىقلا قىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ۋە گۇناھ سادىر قىلمايدىغان پەرىشتە دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ياخشىلىق ئىنسان تەبىئىتىدە ئەزەلدىن بار نەرسە. خۇددى قەپەز ياكى كىشەندىن قۇتۇلغان قۇش ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇچۇش تەبىئىتىگە قايتقىنىدەك، ئىنسانمۇ ياخشىلىق قىلىش پۇرسىتى ۋە شارائىتى تېپىلغان ھامان بۇ ياخشىلىقنى قىلىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يالغانچى، ئالدامچى، ئوغرى ۋە ئەخلاقسىز بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاپئاق قۇندۇزدەك گۇناھسىز، پاك تۇغۇلىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ پاكلىقىنى ئاتا - ئانىسى، جەمئىيەت، مۇھىت ۋە ئەتراپىدىكىلەر كىرلىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىدىن ۋە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىدىن مەسئۇلدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا مۇھىت ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىقى كېلىدۇ."

ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ خەتىرى

ئابدۇراھمان ھاجىم ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى ھەقىقەتەن چوڭدۇر. مەسىلەن بىرلا يالغانچىلىقنى ئالايلى، كۆپىنچە كىشىلەر بىر - ئىككى ئېغىز يالغان ئېيتىپ قويۇشنى ھېچ ۋەقەسى يوق بىلىدۇ، ئۇنى ئاددى سانايدۇ، ئۇنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلمايدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، بەزىدە بىر ئېغىز يالغان سۆز قان تۆكۈشلەرگە سەۋەب بولىدۇ. بىراۋغا قارشى ئېيتىلغان بىر ئېغىز يالغان سۆز ئۇنىڭ ئابرويىنىڭ، شەرىپىنىڭ يوقىلىشىغا ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. مانا بۇ، ئىنسانىيەت ھېسابىغا ئىشلەنگەن ئەڭ ئېغىر، كەچۈرۈلمەس جىنايەت. قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. تۇترۇقسىز خەۋەرنى نەچچە مىڭلىغان كىشىگە تارقاتقان مۇخبىر، چوڭ مەسىلىلەرنى ئەكسىچە مەلۇم قىلغان سىياسىيون، ئەر - ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغان تۆھمەتچى بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر ۋە چوڭ بولىدۇ. مۇندىن باشقا سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش ۋە باشقىمۇ ئەخلاقىي جىنايەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى كۆپتۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھلارنى كەچۈرسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنىڭ گۇناھىدىن ئاۋۋال شۇ ئىنسانلار ئۆتمىگىچە ئۆتمەيدۇ."

ئەخلاقىي جىنايەتلەرنى يوقىتىشنىڭ چارىسى تەربىيە

ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، تەربىيە ئەڭ ھەل قىلغۇچ يول بولۇپ، تەربىيە مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىگە چۈشىدۇ. چۈنكى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرىدۇر. ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاتا - ئانىلارغا بالىلىرىنى راستچىل، ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش بۇرچىنى ھەمىشە يادلاندۇراتتى. ئابدۇللا ئىبنى ئاس ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى بىر قىسسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئۆيدە ئىدى، ئانام مېنى چاقىرىپ:" بۇ ياققا كەل! ساڭا بىر نەرسە بېرىمەن" دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانامدىن " سىز نېمە بەرمەكچى؟"دەپ سورىدى. بۇ ۋاقىتتا ئانام " خورما بېرەي دەۋاتىمەن" دەپ جاۋاب بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:" ئەگەر بەرمىسىڭىز، سىزگە بىر قېتىملىق يالغان ئېيتقاننىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ" دېدى.

بۇ قىسسىدە ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى راستچىللىقنى مۇقەددەس بىلىدىغان، يالغانچىلىقتىن نەپرەت قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلىشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشلارغا سەل قاراپ يول قويسا، بالىلار چوڭ بولغانلىرىدا يالغان ئېيتىشنى كىچىك ئىش دەپ بىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ - دە، ئەخلاقىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشتىن ئىككىلەنمەيدىغان بولىدۇ.