ئەخمەتجان ئەمەتنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈش ۋەقەسى گۇمان قوزغىماقتا

«قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئەخمەتجان ئەمەت، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرمىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن.

0:00 / 0:00

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، غۇلجا ناھىيىسى ئارۇز يېزىسىدىكى ئەخمەتجان ئەمەتنىڭ تۈرمىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەققىدىكى تۈرلۈك پەرەزلەر ئېقىپ يۈرمەكتە ئىكەن.

ئەخمەتجاننىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق سوت تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەخمەتجان ئەمەتنىڭ 2009-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇلغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەتجان غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارۇز يېزىسىدا 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئەخمەتجان ئاكىسى ئەركىن بىلەن بىرلىكتە غۇلجا شەھىرىدە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە، «نىڭشا ھەم گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىن قانۇنسىز نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلارنى ئەكېلىپ ساتقان، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەردە بولغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2008-يىلى 4-ئاي مەزگىللىرىدە ئاكىسى ئەركىن ئەمەت ھەم غۇلجا ناھىيىسىدىكى قالغان 10 نەپەر ياش بىلەن بىر مەزگىلدە قولغا ئېلىنغان. ئۇلار ئۈستىدىن 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، ئەخمەتجان دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

رادىئومىز غۇلجا تەۋەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 12 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۇستىدىن، 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوت ئېچىلىپ، ئۇلارنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئېغىر دەپ قارالغىنىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يېنىك دېيىلگىنىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بەرگەن ئىدۇق.

رادىئومىز ئەخمەتجاننىڭ يۇرتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەسەتنى قانۇن دوختۇرىغا قايتا تەكشۈرتۈش ھەم ئۆز يۇرتىغا ئەپكىتىپ دەپنە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى جەسەتنى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەخمەتجاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.

ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىرەيلەن، غۇلجا ناھىيىسىدە ئەخمەتجاننى ياخشى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئەخمەتجاننىڭ تۇغقانلىرى ھەم يۇرتداشلىرى ئارىسىدا ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىدە قىيناش ياكى باشقا سەۋەبتىن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەخمەتجاننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەن مەزگىلى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەخمەتجانغا ئوخشاش سىىياسى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيناپ سوراق قىلىشى جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلار بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق مەسىلىلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تۈرمىلەردىكى سوراق جەريانىدا ھەر خىل قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى زور ئىكەن. ئەمما بۇلار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن ئىكەن.