0:00 / 0:00
بۇنىڭدىن 57 يىل ئىلگىرى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقى تاكى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىشەنمىدى.
بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام بىر قانچە نەپەر مىللىي ئىنقىلاپ ئىشتىراكچىلىرى بىلەن سوھبەتلەشكەن بولۇپ، ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.