پىشقەدەم ئۇيغۇر ئوفىتسېرلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالدى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ئەينى چاغدا ئاخباراتتا، 1944 ‏- يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرىنىڭ 1949 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن خىتاينىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ كېتىۋېتىپ يولدا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ئۇيغۇر سىياسىيونلار ئىزچىل ھالدا بۇ ھادىسىنىڭ يالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بىر سۈيقەستنىڭ پىلانلانغانلىقى توغرىسىدا ئۆز گۇمانلىرىنى ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەك شەھىرىدىكى بىر قىسىم پىشقەدەم ئۇيغۇر ئوفىتسىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.