خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن مەشھۇر سەنئەتچىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئەي ۋېيۋېينى تۇتقۇن قىلىپ، غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ مەسىلە خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل دىئالوگلاردا ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايغا ئېغىر بېسىم بولۇپ قالغان.
ئەي ۋېيۋېي چارشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ مەلۇم شەرت ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بېيجىڭدىن رۇخسەتسىز ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي بۈگۈن ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىگە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدىكى «ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە كېسەللىك سەۋەبى» كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن ئەي ۋېيۋېي پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيى ئالدىغا توپلانغان مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەنلىكتىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكى، بىراق «ئۆزىنىڭ دېلوسى ھەققىدە سۆزلىمەيدىغانلىقى ۋە ھېچقانداق باياندا بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى قويۇپ بېرىشكە قىستاۋاتقان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقى، بىراق قويۇپ بېرىلىدىغانلار بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى، بىراق ئامېرىكىنىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،«شۈبھىسىزكى ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان نۇرغۇن كىشى بار. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىلىشىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ۋەقە بولسىمۇ، بىراق بۇ دېلونىڭ ئۆزى خىتايدا جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا سەل قارىلىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىزنىڭ بۇنىڭغا دائىر ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئۈچ سۆزىمىز بار. بىرىنچىسى، ئەي ۋېيۋېي خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مەجبۇرى غايىب بولۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ قۇربانى. ئۇ قانۇنسىز ۋە سوتنىڭ رەسمىيىتىسىز تۇتقۇن قىلىندى. ئىككىنچىسى، ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرى يەنى ئۇنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ دېلوسىدا قانۇن تەرتىپكە رىئايە قىلىنمىغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلىرى پەيدا قىلغان بېسىمنىڭ تەسىرى ئىپادىسىنى تاپمىغان. ئەكس ئەتمىگەن. ئۈچىنچى مەسىلە، ئەي ۋېيۋېي قاماقتىن بوشىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پائالىيەت ئەركىنلىكى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمە بىكار قىلىنمىدى» دەيدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ۋاقتى دەل خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپانى زىيارەت قىلىدىغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى. گەرچە ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن بولغان بۇ مەسىلىدىكى توسالغۇنى ئېلىپ تاشلاپ، ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ۋېن جياباۋ جۈمە كۈندىن باشلاپ ۋېنگېرىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيىلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى ئىقتىساد ۋە سودا ئىشلىرىنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە خىتاي رەھبىرىنىڭ مۇئەييەن بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى فىلىم كاين ۋېن جياباۋنىڭ مەزكۇر ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز ۋېن جياباۋنىڭ چەتئەل زىيارىتى جەريانىدا چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 2011-يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى رەسمىي، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سەمىمىي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىدىكى سەۋەب خىتايدا نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇش، ئىغۋاگەرچىلىك سېلىش ۋە قورقۇتۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ كىشىلەر خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، تىنچ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالغا سۈرۈشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېينى باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇنىڭ بۇ ھەققىدىكى ئەيىبلەشتىن خالاس قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن. دائىرىلەر ئۇنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئۆكتىچى كۈچلەرنى ۋە سىياسىي رەقىبلىرىنى باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دائىم قوللىنىدىغان تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى فىلىم كاين ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى سىياسىي قارار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەي ۋېيۋېي ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بۇ خىل ئاتالمىش جىنايەتكە باھا بەرمەك ئىمكانسىز. چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇ، ھېچقانداق بىر جىنايەتتىن جازاغا تارتىلمىدى. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاتالمىش بۇ خىل جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئەمىلى پاكىت بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. ئۈچىنچىدىن، ئەي ۋېيۋېينىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى رەت قىلىندى. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان بۇ 80 كۈن جەريانىدىكى تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى پۈتۈنلەي سىياسىي قارار، دەپ قارايمىز» دەپ تەكىتلەيدۇ.