خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەي ۋېيۋېينى قولغا ئېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچىسى ئەي ۋېيۋېينى بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇپ قالغاندىن بېرى، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى ئېلىنالمىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن تونۇلغان ئەي ۋېيۋېينىڭ باشقا خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن پەرقى ئۇنىڭ زامانىۋى سەنئەت ساھەسىدىكى نامى ۋە مەشھۇر خىتاي شائىرلىرىدىن ئەي چىڭنىڭ ئوغلى بولغانلىقىدۇر. ئەي ۋېيۋېي، يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭغا قاراپ ئۇچماقچى بولۇپ بېيجىڭ ئايرودرومىغا چىققاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى ناھايىتى تېزلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئەي ۋېيۋېي خىتاينىڭ زامانىۋى سەنئەت ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر قۇرۇلۇش سەنئەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى يۈرەكلىك تەنقىد قىلىش بىلەن نام چىقارغان مەشھۇر ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى نامى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ «قۇش چاڭگىسى» مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ مەزكۇر تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سەنئەت لايىھىلىگۈچىسى ئىدى. مانا بۇ شەخس يەكشەنبە كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى ئېلىنالمىدى. ئەي ۋېيۋېينىڭ ئايالى دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا ئەي ۋېيۋېينىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر ئەي ۋېيۋېينىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، قانداق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانلىقى ۋە قانچىلىك تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، خىتايدا «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

بۇ ۋەقە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىغان چوڭ ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئەي ۋېيۋېينىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز ئەلۋەتتە ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىكى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھوقۇقىنى، جۈملىدىن پىكىر ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، قانۇنسىز قولغا ئېلىنىش ۋە تۇتقۇن قىلىنىش يۈزلىنىشىدىن داۋاملىق چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. سەنئەتچى ۋە پائالىيەتچى ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى مەسئۇلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەي ۋېيۋېينى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دەپ تەكىتلەيدۇ.

لېكىن، شۇ كۈنى ئەي ۋېيۋېينىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەر يالغۇز ئامېرىكا ئەمەس. مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەر يەنە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەي ۋېيۋېينىڭ ئۇچۇشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ۋە تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ «زور ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى"نى بىلدۈرگەن. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بېرنارد ۋالېرو بولسا، ئەي ۋېيۋېينىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەي ۋېيۋېينىڭ فامىلىسى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ناتونۇش ئەمەس. ئۇنىڭ دادىسى مەشھۇر خىتاي ھازىرقى زامان شائىرى ئەي چىڭ خىتاينىڭ 1959-يىلدىكى ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە «ئوڭچى» قالپىقىنى كىيىپ، ئۇيغۇر ئىلىغا سۈرگۈنگە ھەيدەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شىخەنزە رايونىدا ياشىغان ئەي چىڭنىڭ بۇ جەرياندا تېيىپچان ئېلىيوپ قاتارلىق بەزى ئۇيغۇر شائىرلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتلەردە بولغانلىقى، بىڭتۇەننىڭ يەرلىك مۇھىتنى ۋەيران قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشىنى تەنقىد قىلىدىغان بەزى شېئىرلارنى يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، لېكىن "شىنجاڭ گېزىتى" بېسىشنى رەت قىلغان «قاقىرلار بۇ يەردىن كېتىڭلار، بۇ يۇرت ئەمدى سىلەرنىڭ ئەمەس» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر، ئەي ۋېيۋېينىڭ ھازىرغا قەدەر ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقى ۋە ئۇنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنماسلىقىدا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يۈز خاتىرىسىنىڭ رولى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

لېكىن، بۇ ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىشتىن چەكلىنىشى ۋە ئۇچۇشتىن توختىتىپ قويۇلۇشى ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تۈرمىدىكى خىتاي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبوغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ يولغا چىققاندا بىر قېتىم توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇ 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، «ياسىمەن ئىنقىلابى»نىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تونۇلغان شەخس. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەي ۋېيۋېيدەك تونۇلغان بىر شەخسنىڭ قولغا ئېلىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر سىگنالدۇر. مەركىزى پارىژدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئىسمائىل مارتىن، «بۇ ۋەقە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر سىگنال. چۈنكى ھۆكۈمەت ناھايىتى مەشھۇر بىر ئۆكتىچى زاتنى تەپتارتماي قولغا ئالدى. شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى پىكىرلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى دانا گەست، ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچى ۋە تور ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى ئىسمائىل مارتىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ ۋەقەگە ۋە خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەقەگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقىنى كۈتىمىز. چۈنكى، ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتايدا ئاخبارات ئۆز-ئۆزىگە چەكلىمە قويۇشقا مەجبۇر قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. شۇڭا بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن تەقىب قىلىشىنى كۈتىمىز». ئىسمائىل مارتىن يەنە، ئەي ۋېيۋېينىڭ قولغا ئېلىنىشىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق رەسمىي سەۋەب كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ۋە قولغا ئېلىنغان باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىسيانلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ «ياسىمەن ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىدىن پەۋقۇلئاددە چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئانالىزچىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئوۋچىنىڭ مىلتىقىدىن قورقۇپ كەتكەن قۇشلارغا ئوخشىتىدۇ. ‏ئۇ «مېنىڭچە بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگودا ئوۋچىنىڭ مىلتىقىدىن چۆچۈپ كەتكەن قۇش دەيدىغان بىر ماقالە بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىنقىلاب پەيدا قىلىدىغان بارلىق ئامىللارنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلىماقچى. ئۇلار ئەي ۋېيۋېينى ياسىمەن ئىنقىلابىنىڭ بىر خىل قوزغاتقۇچى كۈچى قاتارىدا كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەي ۋېيۋېينىڭ ئىنقىلاب قوزغايدىغان بىر ئامىل بولۇشى ناتايىن. لېكىن ئۇ ئىنقىلابنىڭ ئۇچقۇنى بولالايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىسى ۋە ئەگەشكۈچىسى بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئادەملەردىن قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە سەزگۈر ئادەم. شۇڭا ئۇنى تەقىب ئاستىغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن».

ئەي ۋېيۋېي يەكشەنبە كۈنى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن خېلى بۇرۇنلا، ئۇنىڭ كەسپىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيىتى بەزى پاراكەندىچىلىكلەرگە دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا ئاچماقچى بولغان كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالدىدا ئەي ۋېيۋېي ساقچىلارنى تەنقىد قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى سەنئەت ستۇدىيىسى چېقىۋېتىلگەن ئىدى. ئەي ۋېيۋېي يېقىندا فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىدە ستۇدىيە قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خىتايدا كۆرگەزمە ئېچىپ تويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەگەر مەن خىزمىتىمنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولسام، بىر ئورۇن تېپىشىم كېرەك» دېگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2010-يىلى 10-ئايدا دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى دۇنيادىكى 178 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە 171‏-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرىلەپ ناچارلىشىپ، خېلى يىللاردىن بېرى كۆرۈپ باقمىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى ئىسمائىل مارتىن، خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «مېنىڭچە، ھازىرقى ۋەزىيەت بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ناچار. يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر پەيدا قىلغان خىتايدىكى ۋەزىيەت نۇرغۇن يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. نۆۋەتتىكى خىتايدا ھەركىم تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تورداشلار، تورچىلار، ئاخبارات ساھەسى ۋە شۇنداقلا چەتئەللىك مۇخبىرلار تەھدىت ۋە زەربە بېرىش ۋە تەھدىت ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى» دەيدۇ.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن خەلق ئىنقىلابىدا ئوينىغان مۇھىم رولى خىتاينى قورقۇتقان. ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ تەجرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەپ، تور ئالاقىسى، ئاخبارات كونتروللۇقى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلارنى خەۋەر قىلىش ۋە سۈرەتكە ئېلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر ۋە تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇەن، خىتاينىڭ تور ئالاقىسىنى تامامەن كونترول قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى تورنى قانچىلىك قاتتىق كونترول قىلغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ تور ئالاقىسىنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلىشى مۇمكىن ئەمەس. تور ئالاقىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇستەبىتلەرگە ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىكنى تېپىپ بەردى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن تور ئالاقىسىگە موھتاج. لېكىن، ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىمتىيازىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ توردىن پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئۇلار پۇقرالارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەربىيىلىشىدىن قورقىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پۇقرالارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە دائىر نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلىۋېلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ 35-ماددىسىدىكى سۆز ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلسا، ئۇ چاغدا كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئاساسى تەۋرەپ قالىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تور جۇڭگو ئۈچۈن قوش بىسلىق قىلىچ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى كومپارتىيىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق تەبىقىسى تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنغان. ئەگەر تور ئالاقىسى ئۈزۈلسە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئىتى ناھايىتى زور زىيانغا ئۇچراپ، مەبلەغ قېچىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايدۇ. لېكىن تور ئالاقىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى يەنە بىر جەھەتتىن ئۆكتىچى پىكىرلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە كۆپىيىشىنى ئالغا سۈرۈپ، بىر سىياسىي كۈچنى شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.»