غەربتە ئەي ۋېيۋېيگە ئەركىنلىك تىلەش نامايىشلىرى كۈچەيدى

4-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، بېرلىن، ھامبۇرگ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ھەمدە نەۋ-يورك، لوندون، توكيو، موسكۋا قاتارلىق غەرب ئەللىرى پايتەختلىرىدە ئەي ۋېيۋېيغا ئەركىنلىك تىلەش نامايىشلىرى بولۇپ ئۆتكەن.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فاچەبووك تا ئەۋجى ئالغان ئەي ۋېيۋېينى قۇتۇلدۇرۇش يۈزىسىدىن دۇنياۋى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش چاقىرىقىنىڭ روھىغا بىنائەن، 17-ئاپرېل كۈنى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا ئوخشىمىغان كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاينىڭ ئەي ۋېيۋېينى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، بېرلىن ۋە ھامبۇرگ قاتارلىق شەھەرلىرىدە نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىلارغا «غايىب بولغۇچى»، «ئەي ۋېيۋېي نەدە؟» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان.

بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق نامايىشنىڭ نامى دۇنيا بويىچە «1001 بايراق تىكلەش» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا 1001 دانە بايراق تىكلەشنى ۋاسىتە قىلغان.

بۇنداق بۆلىشى، 2007-يىلى ئەي ۋېيۋېينىڭ گېرمانىيىنىڭ كاسسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسىگە 1001 نەپەر خىتاينى باشلاپ كەلگەنلىكى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت 1001 بايراقنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 17 - ئاپرېل ئېلان قىلغان «گېرمانىيە خەلقى ۋە سىياسىي ساھەسى ئەي ۋېيۋېيغا ياردەم قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 17-ئاپرېل كۈنى ئەي ۋېيۋېينىڭ سىڭلىسى گاۋ لۇئو گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەلقئارالىق بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاكىسىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە ياردىمى تېگىش-تەگمەسلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەي ۋېيۋېينىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئەي ۋېيۋېينىڭ ھازىر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەي ۋېيۋېينىڭ ئەركىنلىكىنى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىلەن خىتاي قەلەمكەشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتايلاردا مەۋجۇت بولغان ئەركىنلىكنىڭ ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى قايسىلا نۇقتىدىن چىقىپ پىكىر بايان قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى مىللىي مەسىلە دائىرىسىگە چېتىپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركىل خانىمنىڭ بىۋاسىتە ئەي ۋېيۋېينى قۇتۇلدۇرۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىغانلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسكەن. «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 15-ئاپىرىلدىكى سانىدا، باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىل خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەي ۋېيۋېينىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ۋە بۇ سەنئەتكارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى بىۋاسىتە تەلەپ قىلغانلىقى يېزىلغان ئىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۇ توغرىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ؛ «گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى ئېنىق. بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما ئەينەك ژۇرنىلىدىكى بايانلار ئېنىق ئەمەس» دېگەن.

بىراق، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، ئەي ۋېيۋېينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىلەردىن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، يېشىللار پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا نارازىلىقلار بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

گېرمانىيىدە 17-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن سىرت، گېرمانىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ئىلىم ساھەسى ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەست´ئۇللىرىمۇ قاتناشقان ياكى تەۋسىيەنامىلار ئەۋەتكەن.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، 1001 بايراق تىكلەش پائالىيىتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە دۇنيا مىقياسىدا يەنىمۇ ئەۋجى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.