گېرمانىيىنىڭ گېزىت-ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيىلىرى بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى بەس-بەستە ئېلان قىلدى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئەي ۋېيۋېي قويۇپ بېرىلىشتىن يېرىم كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەي ۋېيۋېي 21-ئىيۇن كۈنى كەچ سائەت 11:30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ گېرمانىيە، ياۋروپا ئاخبارات ساھەسى، خوڭكوڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ بەزى مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىنى قىسقىلا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، «كۆپ گەپ قىلىش قۇلايلىق ئەمەس» دەپ، ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مەخسۇس ئەي ۋېيۋېي ئۈچۈن ئېلان قىلغان 6 پارچە خەۋىرىدە، ئەي ۋېيۋېي گەرچە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەنگەنلىكىنى، ئەي ۋېيۋېي ئېرىشكەن بۇ ئەركىنلىكنىڭ بېيجىڭنىڭ سىرتىغا چىقالمايدىغان، كىشىلەر بىلەن ئەركىن-ئازادە ئۇچرىشالمايدىغان، ئىلگىرىكىدەك ئەركىن پىكىر بايان قىلالمايدىغان ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى.
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئەي ۋېيۋېينى خاتالىقىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن نازارەت ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار باشقىچە كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بېزىلەر «7-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن قىلىش، كۈتۈلمىگەن قارشىلىق ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قويۇپ بەردى» دېگەن. بېزىلەر «خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېقىندا ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىماقچى، ئۇنىڭ ياۋروپادا ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسى تۈپەيلى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىشى ئېنىق ئىدى. بۇ بېسىمدىن قۇتۇلۇش ۋە ياۋروپادا كۆتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان نامايىشلاردا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدى» دېگەن. يەنە بېزىلەر بولسا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەي ۋېيۋېينى ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن قارىلىشى بەكمۇ رەزىللىك ئىدى. ياۋروپالىقلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېي ۋېيغا ئارتقان جىنايەتلەرگە ئىشەنمىدى. خىتاي بۇ مەسىلىدە خەلقئارادا يۈزىنى تۆكۈۋالدى» دېگەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى، بۇنىڭغا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىشى، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە ئەي ۋېي ۋېي مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرغانلىقى، ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىنىڭ دائىم خىتاينىڭ بېشىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان توقماققا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب بولدى»، دەپ قارىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېي ۋېينى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ۋە مۇلاھىزىلەرگە خىتاي تور بەتلىرىدە ئورۇن بەرمىگەن. بارلىق تور بەتلىرىنىڭ بۇ توغرىدا مۇنازىرە قىلىشىنى بىردەك چەكلىگەن. ئەي ۋېيۋېي قوراسى ئالدىغا يىغىلىۋالغان مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ھازىر ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئارتۇقچە گەپ قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تۇتقۇندا ياشىغان 80 كۈن ئىچىدە بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەر توغرىسىدا زۇۋان سۈرمىگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەي ۋېيۋېي خىتاي ھۆكۈمىتىگە باج ئوغرىلاش دېلوسى تۈپەيلى ئېچىلىدىغان سوت ئاخىرلاشقۇچە، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىققا ماقۇل بولغان. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى نېۋ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ناھەق، خاتا ئەنزىلەردە ئۆزىنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جاۋابكار بىلەن كېلىشىپ، كاپالەت ئاستىدا قويۇپ بېرىش، نازارەت ئاستىدا قويۇپ بېرىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقىنى، ئەي ۋېيۋېينىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ۋېنگىرىيىلەرنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيىلەردە ئەي ۋېيۋېينىڭ تەسىرى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. بۇ دۆلەتلەردىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارىسىدا مۇستەھكەم بىرلىك شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى غايەت زور ئىكەن. خىتاي تەرەپ ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى غەرب سەپىرىدە ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشنىمۇ كۆزدە تۇتقان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەي ۋېيۋېينى ئىقتىسادى جىنايەتنى بوينىغا ئېلىشقا مەجبۇرلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەي ۋېيۋېي ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى، مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانلىقى، غەرب ئاخبارات ساھەسىگە ئۆز قاراشلىرىنى ئەركىن بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان. غەرب ئەللىرىدە بەلگىلىك سىياسىي تەسىرى بولغان بۇ شەخسنى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا باھانە-سەۋەب بىلەن قولغا ئالالمىغاندىن كېيىن، «باج ئوغرىلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن» دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئالغان. ئەمما بۇ سىياسىي قارىلاشنى خىتاي خەلقىمۇ، دۇنيا جامائىتىمۇ قوبۇل قىلمىغان.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبو ۋە يەنە مىڭلىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە قاماقتا ياتماقتا. بەزىلىرىنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىر خۇش خەۋەر بولسىمۇ، خىتايدىن كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەرنىڭ ئالدىدا بۇ بەك چوڭ ئىش ئەمەس.