خەلقئارادا تونۇلغان خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەيۋېيۋېي 81 كۈنلۈك نەزەربەندتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 15 مىليون يۈەن يەنى 2 يېرىم مىليون دوللارغا يېقىن باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئەي ۋېيۋىي ئائىلىسىگە ئەۋەتىلگەن ئۇقتۇرۇشتا 15 كۈن ئىچىدە باجنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولۇشى، ئەگەر بېكىتىلگەن كۈنگىچە پۇلنى تاپشۇرۇپ بولالمىسا كۈنىگە 200 مىڭ يۈەندىن جازا پۇلى قوشۇلۇپ ماڭىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەي ۋېيۋېي «تۋىتېر» تور بلوگىغا قالدۇرغان خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: ھۆكۈمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مەندىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆكتىچىلەرنى جازالاشتا ۋاسىتە تاللىمايدۇ. ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، مەخپىي قولغا ئېلىش، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ساقچىلار ئارقىلىق پوپوزا قىلىش، «باج ئوغرىلاش جىنايىتى» ئارتىش، تاشقى دۇنياغا بايانات بېرىش، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق تۆھمەت قىلىش، يالغان خەۋەر تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. ئەمما، كىشىنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى دۈشمىنىگە ئەمەس، ئۆز خەلقىگە قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى، بىزنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىمىز بولۇپ قالغىنى.
مەزكۇر خەۋەر دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋەقە ھەم خىتاي جەمئىيىتى، ھەم خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. بۇنى بىر ئۆچ ئېلىش دەپ قارىغان خىتاي ئۆكتىچىلىرى بولسا، نۆۋەتتە ئەي ۋېيۋېي ئۈچۈن ئىئانە يىغىش پائالىيىتى قوزغىغان بولۇپ، قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە ئەي ۋېيۋېي ئۈچۈن 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل يەنى 950 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىئانە يىغىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئەي ۋېيۋېيگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىئانە بەرگەن كىشىلەرنىڭ سانى 22 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەي ۋېيۋېيگە بۇنداق جىق كىشىنىڭ پۇل ياردەم قىلىپ، قوللىشىنى ئىپادە قىلىشى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ بىر سىمۋولى دەپ قارىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
بۈگۈن ئەي ۋېيۋېي ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ پۇلنى سىياسىي مەنىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
كىشىلەر ماڭا ئۆزلىرىنىڭ مېنى داۋاملىق قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنى ئىپادىلەشكە پۇرسەت تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلغىنى بىر ئادالەتسىزلىك، بۇ ھەممىمىزگە بېرىلگەن ئورتاق جازا، بىز سىزگە ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز، دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەي ۋېيۋېي ئەگەر بۇ باجنى تۆلىمىگەن تەقدىردە «باج تۆلىمىدى» دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە سولىنىدىغان بولۇپ، ئەي ۋېيۋېينىڭ ئاپىسى گاۋ يىڭ مەركىزى نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا قىلغان سۆزىدە «بىز بانكا بۇلىساقمۇ بۇ پۇلنى تۆلەپ بولالمايمىز» دېگەن. ئۇ : ئوغلۇم يەنە تۈرمىگە كىرىپ كەتمىسۇن. مېنىڭ ئوغلۇم ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدى. خاتا ئىشنى كۆرگەندە بىر -ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويۇش گۇناھ بولامدىكەن؟ مېنىڭ ھۆكۈمەتنى قورقۇنچلۇق، چىرىكلەشكەن، ئالۋاستى، دېگەن سۆزلەر بىلەن تەرىپلىگۈم كېلىۋاتىدۇ» دېگەن. گاۋ يىڭ يەنە يولدىشى ئەي چىڭ ۋاپات بولغاندا ھازىرقى دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كومپارتىيىگە ۋاكالىتەن ئۆزىدىن ھال سوراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ «شۇ چاغدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەتنى چوڭايتىپ تامغا ئېسىپ قويغان ئىدىم، ئەمما ئوغلۇم تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن رەسىمدىكى خۇ جىنتاۋغا قارىساملا بىئارام بولۇپ كېتىمەن، شۇڭا ئاخىرى رەسىمنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى چۈشكەن رەسىمنى ئېسىپ قويدۇم» دېگەن. خىتاي خەلقىنىڭ بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن 80 ياشلىق گاۋيىڭ ئانا ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئۆلگۈچە قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەي ۋېيۋېيگە بېرىلگەن ئىقتىسادى جازا دۇنيادىمۇ كەڭ غۇلغۇلا قوزغاپ، داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك مۇلاھىزىلىرىنى ئېلان قىلدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئېلان قىلغان «يۈەن ئارقىلىق ئاۋاز بېرىش» ناملىق ماقالىدە خىتايدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ مەيلى يوشۇرۇن، مەيلى ئاشكارا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇل يىغىپ، ئەي ۋېيۋېيگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشىدەك بۇ ئەھۋالنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت پىكرى پەيدا بولۇپ، خەلقنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاللىقاچان «ئۆز ئالدىغا پۇل ئىئانە يىغىشنىڭ قانۇنسىز بىر قىلمىشلىقى» نى ئەسكەرتىپ بولغان. ئەي ۋېيۋېينىڭ باجنى ئىئانە قىلىنغان پۇل ئارقىلىق تۆلىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بوپقالدى. ئەي ۋېيۋېي بۈگۈن س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ھۆكۈمەتنىڭ بەلكىم بۇنى «بىلمەسكە سېلىۋېلىش» تاكتىكىسىنى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
مەنچە ئۇلار بۇ ئىئانە ئىشىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشى مۇمكىن. ياكى ئۇنى «بۇ دېگەن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى» دەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشى مۇمكىن.ھۆكۈمەت ماڭا ئوچۇق قىلىپ «سېنىڭ بۇ باجنى تۆلىگەنلىكىڭ، گۇناھىڭنى قوبۇل قىلغانلىقىڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دېدى. قانۇندا باج تۆلىمىسە تۈرمىگە سولىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. يەنى ھەر ئىككىلا ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ مېنى تۈرمىگە ئالغىنى ئالغان. شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىئانە مەسىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇنداق جىم تۇرۇۋېلىش ۋاسىتىسى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بولسا بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئەي ۋېيۋېينىڭ قايتا تۈرمىگە ئېلىنىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختىلىپ:
«كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكى قۇدرەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىگە خەلقنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى دىققەتكە ئېلىشى كېرەك. بەلكىم خىتايدا دېموكراتىيە ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ شەرت-شارائىتى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى تەقدىرى بىلەن يۈزلىشىشكە ئالدىراپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى ئەي ۋېيۋېينى قايتا تۈرمىگە سولاش» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.
ئەي ۋېۋېي بۈگۈن س ن ن تېلىۋىزىيىسگە قىلغان سۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇل سېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ قەغەز ئايروپىلان ياساپ پۇلنى ھويلىسىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: بۇنداق بىر ئەھۋال بۇ مىللەتنىڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندۇق» دېگەن.