ئەيدىز بىمارلىرىنى قوغداش چاقىرىقى دۇنيا بويىچە تەشەببۇس قىلىنماقتا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1 ‏- دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتلەردە، خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بېيجىڭ" ئەي جىشىڭ" تەتقىقات مەركىزى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەستەن توسقۇنلۇق قىلىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە، دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، نامايىش ئېلىپ بېرىش، مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش، تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىش تۈرلىرى بويىچە ئەيدىزدىن مۇداپىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان كۈنلەردە، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ، ئېلېكتىر سىم يولى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تەرىپىدىن ئۈزۈپ تاشلانغان.

23 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، بېيجىڭ خەيدەن رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ چەتئەل تىل ئىنىستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە، سىرتتىن بېيجىڭغا كەلگەن ياللانما ئىشچىلارغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا ساۋات بېرىش شۇنىڭدەك تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان. بىراق ئىستانسىمىز بۈگۈن خەلق ئاممىسى ئۇيۇشتۇرغان " ئەيدىز " پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدى.

" ئەيجىشىڭ " تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋەن يەنخەي، ھازىر ئامېرىكىنىڭ پەنسىلۋېنىيە شتاتىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا "ئەيدىزدىن قوغدىنىش" پائالىيىتى ئېلىپ بارغان " قار لەيلىسى " ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە قوللىغان شەخسلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

ۋەن يەنخەي، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئەيدىز بىمارلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، خىتايدىكى دائىرىلەرنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتا خورلاش، كەمسىتىش شۇنىڭدەك ئۆلۈم گىرداۋىغا ئىتتىرىش سىياسىتى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەن يەنخەي، ئەيدىز مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى، ئۇلار قارشىلىق بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەقلىق تۇرۇپ سۆزلەشتىن قورقىدۇ، مۇشۇ تۈپەيلى ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان داۋالاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى" دېدى.

ۋەي يەنخەي سۆزىدە يەنە، ئەيدىزنىڭ خىتايدا كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبلىرىنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئىلگىرىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەسلىكتەك پاسسىپ پوزىتسىيىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ خېنەن ئۆلكىسىدە قان بېرىش تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، بۇنىڭغا مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تېگىشلىك قانۇنىي جازاغا تارتىلماي، ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەلگە ئېرىشىشىنىڭ خىتايدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ " ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش" ئەھۋالىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا شىددەت بىلەن يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋەن يەنخەي مۇنداق دەيدۇ":خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ "ئەيدىز" ئۇقۇمىغا بولغان قارىشىنى ئۆستۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆز يۇمۇشتەك قەبىھ سىياسىتىنى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىشىگە يول ئاچتى. شۇڭا ئۇيغۇرلار، خەلق ئارىسىدا " ئەيدىز " توغرىسىدا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەتتا چەتئەللەردە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، رولىنى ۋەتەن ئىچىدە جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ".

ۋەن يەنخەي، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش دەرىجىسىنىڭ ئەرلەردە نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ۋىرۇسنىڭ ئەرلەردىن ئاياللارغا،ئاياللاردىن بالىلارغا يۇقۇش خەتىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نامرات ئۆلكىلەردە مىليونلىغان ئايال ۋە بالىلارنىڭ، جىنسى، ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ يۇقىرى كۆپلۈكى، ساۋاتسىزلىق تۈپەيلى ئەيدىزگە قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە مۇداپىئەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا ئىكەن.

ب د ت بالىلار فوندىنىڭ مەسئۇلى، ئانتھوني لاكە توغرا داۋالاش ھەمدە تىببىي چارىلەر شۇنىڭدەك ۋىرۇسنىڭ تەرەققى قىلىشىنى كونترول قىلىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا، ھامىلە ئاياللارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى بالىلىرىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

پرېزىدېنت باراك ئوباما، دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۈگۈن، ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتىلغان غەم- خورلۇقنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەيدۇ، شۇنىڭدەك ئاق ساراينىڭ دەرۋازىسىغا بۈگۈن، ئەيدىزگە قارشى كۈرەش سىمۋول قىلىنغان قىزىل لېنتا ئېسىپ قويۇلغان.