«ئەيدىز ھەققىدە ئۆسەك تارقاتقۇچىلار ھەقىقىي مىللىي بۆلگۈنچى، ھەقىقىي تېررورچىلار»

«1 - دېكابىر خەلقئارا ئەيدىز چەكلەش كۈنى» كېلىش ئالدىدا، يامان نىيەتلىك بىر قانچە خىتاينىڭ تور ۋە يان فوندا « شىنجاڭلىق ئەيدىزلەر ئاشخانىلاردا قېنىنى تېمىتىپ ئەيدىز تارقاتماقتا، بەزىلەر يۇقۇملانغان» دەپ ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تور ۋە جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، گەرچە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۇ جىنايەتچىلەرنى قولغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئېغۋا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىزنىڭ يېمەك ئارقىلىق تارقالمايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن بولسىمۇ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم مۇشۇ خىلدىكى غەرەزلىك ئېغىۋالارنىڭ نىشانى ھەم قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ۋەقەنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى» دەپ جازا كۆرۈشى كېرەك دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ھۆججىتىدىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىيالايسىز.