بۇ يىل 1- دېكابىر، 23 نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە، دۇنيا قىزىل لېنتا تاقىدى، كىشىلەر مەيدىسىگە قىزىل لېنتا تاقاشتى، ئەيدىز بىمارلىرىغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش، ئەيدىزنى توغرا تونۇپ ئۇنىڭدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتلىرى يەنە قايتىدىن يۇقىرى دولقۇن ھاسىل قىلدى. جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى تېز سۈرەتتە تارقىلىۋاتقان جايلار قاتارىغا كىرگەن ئۈرۈمچى شەھرىدىمۇ "يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى" دىكى پىدائىيلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى خالىسانە تەربىيە- تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتىغا قارىغاندا، 2010- يىلى، 30 سېنتەبىرگىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 32مىڭ 532 نەپەر بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە -5 ئورۇندا ئىكەن. ئۈرۈمچىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 10مىڭ 226 نەپەر، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەتتىكى ئادەملەر ئارىسىدا تېز تارقىلىشقا باشلىغان. دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى، بىردىن بىر ئۇيغۇر تىلىدا زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت سوراش ھەقسىز قىزىق تېلېفون لىنىيىسى ھەم تور بېتىنى قۇرغان "يارىپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت پونكىتى"غا تېلېفون قىلدۇق. بىز تېلېفون ئۇلىغان ۋاقىت ئۈرۈمچى ۋاقتى يېرىم كېچە سائەت 12:30 بولغان بولسىمۇ، "يارىپ پونكىتى"نىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى ئەخمەت قۇربان قىزغىن ھالدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
يارىپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت پونكىتىنىڭ تور مەسئۇلى زاھىدە " سىز نېمە ئۈچۈن ئەيدىز پىدائىيسى بولدىڭىز ؟ "دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى:
ئەخمەت قۇربان ئېيتقاندەك، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش پەقەت سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ياكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس، بەلكى جەمىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدەك ئەيدىز ۋىرۇسى شىددەت بىلەن، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان ئەيدىز ۋەزىيىتى جىددىي جايغا نىسبەتەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مانا بۇ خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان 1478 نەپەر ئۇيغۇر ياش، ئەخمەت قۇربان باشچىلىقىدىكى ئەيدىز پىدائىيلىرىنى قوشۇنىغا قېتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 90 %تىنى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ساغلام ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە يىگىرمىدىن ئارتۇق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىمۇ بولۇپ ئۇلار مەزكۇر پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇلغان 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە ئەيدىزنى توغرا تونۇپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن خالىسانە ئىشلەپ كەلمەكتە.