ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىق-ئەيدىز

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 1995-يىلى بايقالغان ئىدى، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ۋابا بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يىلىغا 15% تىن كۆپىيىپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.11.29
Uyg-eydiz-muhakime-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺰ" ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺠﯩﺸﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.uighurbiz.cn ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.uighurbiz.cn ﻧﯩﯔ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى يۇقۇملۇق ئىممونىت كەمچىللىك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمچىللىك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋىرۇس ئۆمۈرۋايەت يۇقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنت سىستېمىنى ۋەيران قىلىپ كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى يوقىتىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى ھىۋ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، قاندىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن تا ھازىرغىچە 30 يىل بولدى. تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى 1981-يىلى ئامېرىكىدا بايقالغاندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تېز تارالدى.

گەرچە ئۇيغۇر ئالىمىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقىلىشى دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ بايقىلىشىدىن 15 يىل كېيىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە دائىرىسى كىشىنى چۈچۈتكۈدەك دەرىجىدە بولۇپ كەلمەكتە. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى 32 مىڭ 500دىن ئاشتى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنىڭ 60 مىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزلەرنىڭ 80% ئى ئۇيغۇر ياشلار.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ جىددىي بولۇشى ئۇيغۇرلارنىلا ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەھەر چەككۈچىلەر ئىدى، شۇنداقلا ئۇدا 15 يىلغىچە سەھىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆتكەن يىلى-9 ئايدا تۈركىيە ھۆرىيەت گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان تۈركىيىلىك دوكتور سەۋىل ئاتاسوي خانىم ئۇيغۇر دىيارىدا ئەيدىز نىڭ تېز تارقىلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختالغاندا، «بارىنى تەڭ كۆرۈشنى، ھەممە نەرسىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار ئوكۇل يىڭنىسىنىمۇ ئورتاقلاشتى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ۋابا ۋە ئىللەتلەرنىڭ ھەتتا ئۇيغۇرلاردىكى ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

2011-يىلى مارتتا ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە دائىرىلىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا كەڭ تارقىلىش باسقۇچىغا كىرگەن.

يەنى ئالدىنقى 15 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ يەنى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئوخشاش يىڭنە ئارقىلىق زەھەرنى ئوكۇل قىلىشى بىلەن يۇقتۇرۇۋېلىشى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن بولسا، نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى تېخىمۇ مەخپىي ۋە خەتەرلىك يوللارغا كۆپەيدى. ئەخلاقى كرىزىس، جىنسىيەتتىكى چەكتىن ئېشىشنىڭ ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە سۆرەيدىغانلىقى ھەقىقەت، ئۇيغۇرلار مەيلى خالىسۇن، خالىمىسۇن ۋە ياكى ئىنكار قىلسۇن، دەل مۇشۇ رەھىمسىز رېئاللىق ئېلىپ كېلىۋاتقان تراگېدىيىلەرگە يۈزلەنمەكتە.

پاھىشىۋازلىق، بەچچىۋازلىق، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرى شۇنداقلا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلىدۇر.

يەنى جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش تېز ھەم كونترول قىلىش مۈشكۈل بولغان تارقىلىش يولىدۇر. ئۇنى پەقەت ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەخلاق رامكىسى ئارقىلىقلا كىشەنلىيەلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئېلى گەرچە ئەيدىز ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان جاينىڭ بىرى بولسىمۇ، خەلقنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەنلىكى ئاشكارا بىر مەسىلە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۆت نەپەر خىتاينىڭ تورلاردا ئۇيغۇر ئەيدىزلەر ئاشخانىلاردا قېنىنى تېمىتىپ ئەيدىز تارقاتماقتا دەپ ئىغۋا تارقىتىپ تەسىر قوزغىيالىشىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ئېڭىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە نازارىتىمۇ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، جامائەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئادرېس ۋە مۇناسىۋەت ھەم سالامەتلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنىڭ يوشۇرۇن، كېسەل كۆرسىتىش ۋە مەلۇم قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، داۋالاش ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئۈزلۈكسىز تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەن ئالغان.

مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مەخسۇس باشقۇرۇش نىزامى تۇرغۇزۇش ئۇنى قانۇنلۇق قائىدىلىك باشقۇرۇش ئىزىغا چۈشۈرۈش تولىمۇ تەقەززالىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

22-سېنتەبىر ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت 14-نۆۋەتلىك يىغىنىدىمۇ، خەلق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەيدىزنى تىزگىنلەش توغرىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزام لايىھىسى سۇنۇلغان.

ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھىلەر، مەشغۇلات جەھەتتە ئەيدىزنى كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇش، مەلۇم قىلىش تورى قۇرۇش، تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا جىددىي تەدبىر ئېلىش، نىكاھقا تىزىملاتقانلارنى ھەقسىز ئەيدىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش،، ھامىلىدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ھەقسىز ئەيدىز تەكشۈرۈش، مېھمانخانا، پەردازخانا، ساتىراشخانا مۇلازىملىرىغا قەرەللىك ساقلىق ۋە ئەيدىز تەكشۈرۈشنى شەرت قىلىش، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى ئاغرىق پاكىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش ۋە داۋالاش ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لايىھىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە 15 يىل كېچىكىپ بولسىمۇ كونكرېت ۋە ئىنچىكە بەلگىلىمە چىقارغان.

ھالبۇكى 28-نويابىر كۈنى خىتاي قىزىل لېنتا تورىدا خىتايدا ئاقما نوپۇسلارنىڭ ئەيدىز تارقىتىشتا ئەڭ ھەرىكەتچان توپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئاقما نوپۇسلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش سەھىيە مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئېلى بولسا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» سىياسىتى تۈرتكىسىدە ئاقما نوپۇس ئەڭ كۆپ ھەم تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقان بىر جاي، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ سىرتتىن كېلىشىنى توسۇپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقما نوپۇسلارنىڭ ئەيدىز تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ مۇۋاپىق سىياسەت ۋە تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.