ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك " ئەيدىز" ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە. نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئۇكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىشى تۈپەيلى بولسا، يەنە بىرى قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەيدانغا كەلمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىببىي ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەمەت ئىمىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.
ھەقىقەتەن، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا شىددەت بىلەن تارقىلىشى پۈتكۆل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى قاتتىق چۈچۈتمەكتە، بىراق ئەيدىزگە قارشى، بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ كۆپىيىشىدىكى نۇقتىلىق ئامىل زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جېڭىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ يوق ئەمەس.
قەشقەر دىيارىنىڭ ئەزىمەت ئوغلانلىرىدىن بىرى بولغان قۇربانجان تۇرسۇن ئەنە شۇلاردىن بىرى. قۇربانجان 2007 - يىلى 4 - ئاپرىل قەشقەر شەھىرىدىن پىيادە يولغا چىقىپ، 17 - ئىيۇن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ زەھەر چەكلەش ۋە بۇ ئارقىلىق ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش پىدائىيسى بولۇش ئۈچۈن، 2007 - يىلى 6 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ پىيادە يولغا چىقىپ، 2008 - يىلى 10 - ئىيۇن كەچتە بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ھەمدە 26 - ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " زەھەر چەكلەش كۈنى" گە قاتناشقان.
2006 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ تايىكۋاندۇ كەسپىنى پۈتتۈرگەن، بوي ئىگىزلىكى 1 مېتىر 91 سانتىمېتىر كېلىدىغان 24 ياشلىق بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنى قانداق بىر ئىرادە زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۆش جېڭىگە ئاتلاتتى؟ قۇربانجانغا ئوخشاش مۇشۇنداق قەيسەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ سانى كۆپەيسە، تۇيۇق يولدا ئازغان باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئازغۇنلۇق ئىچىدىن چىقىشىغا ياردىمى بولارمۇ؟
خەۋەردار بولۇشىمىزچە، قۇربانجان بۇ يىل 1 - ئىيۇل كۈنى بېيجىڭنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان، پىيادە يۈرۈش تەشۋىقاتى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى پىيادە ئايلىنىش مۇساپىسىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن 15 ئاي كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ۋە پۈتۈن خىتاي مەملىكىتىنى پىيادە ئايلىنىپ چىقىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، يەنە مەزكۈر پائالىيىتى داۋامىدا ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى شۇنىڭدەك بۇ ئارقىلىق يېڭى بىر رېكورت يارىتىشنى ئۆزىگە ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋەتەن ئىچىدىكى مەلۇم بىر تور بېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربانجاننىڭ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلىغان پىيادە يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
بىز قۇربانجاننى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۇنىڭ ئاغزىدىن مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.