بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكى، مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ جىددىيسى ھەققىدە پىكىر - مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچماقتا.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاشار مەسىلىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىرىگە يۆتكىلىشى، سىياسىي تۇتقۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى، مىللىي مائارىپ ئورنىغا قوش تىللىق مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى، غەربنى ئېچىش پىلانىنىڭ تېز قەدەمدە كېڭىيىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ يامرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا سانالماقتا.

" ئۇيغۇر 4 ‏ - ئاۋغۇست" تور بېتىدە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان ئاپتور ئازادنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئەيدىز مەسىلىسىدۇر.

ئاپتورنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 24818 نەپەر، بۇنىڭ %95 ى ئۇيغۇر. يەنە، ئاپتورنىڭ خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 25 ‏ - نويابىردىكى دوكلاتىغا ئاساسەن بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئومۇمى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 252 748 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ %10 ىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.

ئاپتور ئازاد، ئۇيغۇر ئىلىدە ئەيدىزنىڭ بۇ دەرىجىدە كەڭ ۋە تېز تارقىلىشىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ. " ئەگەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"گە قارشى تەشۋىقاتقا ئاجراتقان ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچىنى ئەيدىزگە قارشى ئاجراتسا ئىدى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىز بۇ دەرىجىدە كېڭىيەلمىگەن بولاتتى."

ئاپتور ئازادنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاقىۋەت بىلەن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ غايىسى پارالىل يونىلىشتە كېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە جىددىي شەكىلدە چارە قوللانماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشچە، ئەيدىز بىمارلىرى 20 ياش بىلەن 45ياش ئارىسىدا بولۇپ، بۇ ياش قاتلىمى، بىر جەمئىيەت ئۈچۈن جەمئىيەت مىخانىزمىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان جەمئىيەتنىڭ ماتور قىسمىدۇر. شۇڭا ئەيدىزنىڭ كېڭىيىشى خىتاينىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ غايىسى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئەيدىزگە سەۋەب بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەشتە، ئەيدىزنى توسۇش رولى بولغان دىني كىتاب ۋە پائالىيەتلەرنى چەكلىگەندەك ئاكتىپ ئەمەس.

ئاپتور ئازاد يەنە ماقالىسىدە، نۆۋەتتە تىزىملانغان بىمارلار سانىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىمارلار سانىنىڭ ھەممىسى ئەمەسلىكىنى، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر ئەيدىز بىمارى تىزىملانغان جەمئىيەتتە، يەنە 9 نەپەر بىمارنىڭ يوشۇرۇن مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ جىددىي ۋە قورقۇنچلۇق مەسىلە ئەيدىز مەسىلىسى بولىدۇ.

ئاپتورنىڭ بۇ قارىشىنى يەنە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ تۈرلۈك پىكىر سورۇنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويماقتا. زىخرۇللاھ ئىسىملىك بىر ئاپتورنىڭ كوكبايراق تور بېتىدە بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىدە ئۆلگەن ۋە بىمار بولغانلار سانى، پەلەستىندە غەززەدە ئىسرائىل ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىدىن يۇز ھەسسە، چېچەنىستاندا رۇس تانكىلىرى ئاستىدا ئۆلگەن چېچەنلەر سانىدىن نەچچە 10 ھەسسە ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى داۋامىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كوسوۋالىقلار سانىدىن نەچچە 10 ھەسسە ئارتۇق. بۇ قاراشنى ئاپتور ئازاد ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار مەلۇم دەرىجىدە دەلىللىمەكتە.

ئۆتكەن ئايدا يەنە "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنى بىلەن بېيجىڭدا بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ۋە كۇنمىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر بىمارلارنىڭ بولسا نوپۇسسىز بولغانلىقى ئۈچۈن تىزىملاش ۋە داۋالاشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئاپتور ئازاد ماقالىسىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىپلا قالماي، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن چەتئەلدىن كەلگەن ۋە كەلمەكچى بولۇۋاتقانلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى يازىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئەيدىز مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشىلىك قىسمى بارلىقىنى ھەم يەنە، جاۋابكارىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك قىسمىمۇ بارلىقىنى؛ مەسىلە ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ تۇتۇلغاندا ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.