ئەيدىز ۋىرۇسى خىتايدا شىددەت بىلەن تارقالماقتا

خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ دەسلەپ، خىتاينىڭ يۈننەن رايونىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر شۇنىڭدەك خېنەننىڭ يېزىلىرىدىكى قان ساتقۇچىلار ئارىسىدىلا بولۇپ، " تەبىئەت دۇنياسى " ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە دېگىدەك كەڭ تارقالغان.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا، يۈننەن ئۆلكىسىدە جىنسى مۇناسىۋەتتىن تارقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى 2006 ‏ - يىلى %38 ئاشقان، پۈتۈن خىتاي بۇيىچە ئاياللاردا كۆپىيىش نىسبىتى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان، يەنى 1996 ‏ - يىلىدىكى 1.7 پىرسەنتتىن 2006 ‏ - يىلدىكى %35 كە يەتكەن، ئوخشاش جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ مەزكۈر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 7 ھەسسە ئارتقان.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پۇقرالار ئىچىدە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر جىنسى مۇلازىمەت قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى قوللىنىشىنى، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر قوللانغان ئوكۇل يىڭنىسىنى ھەرگىز قوللانماسلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى Methadon دورىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىشنى تەشەببۈس قىلماقتا.

خىتايدا ئەيدىز تەربىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن بېيجىڭ Dongzhen Nalan مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى دەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسى خىتايدا شىددەت بىلەن تېز تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاخىرىقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن، شۇڭا كىشىلەر بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ بىر قاتار ۋەھىمىلەرگە يولۇقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

لى دەن سۆزىدە، خىتايدا جىنسىي تەربىيە ئىلمىنىڭ ناھايىتى ئارقىدا قالغانلىقىنى ۋە مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتىكى تەربىيە كەمچىل دېيىشنىڭ ئورنىغا، يوق دەپ يەكۈن چىقارغاندىن سىرت، ھەتتا ئالى مەكتەپلەردىمۇ يۈزەكى تەكىتلىنىدىغانلىقىنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە دائىر بىلىملەرنى چەتئەللەردە ئىشلەنگەن فىلىملەر ئارقىلىق ئۆكۈنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ساغلام بىر جىنسىي مۇناسىۋەت ئېڭى تۇرغۇزۇشقا ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن سىرت، لى دەن خىتايلارنىڭ ھازىر جىنسىي ئاڭ جەھەتتە تەرەققى قىلغانلىقىنى، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ يەنىلا قالاق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جىنسىي بىلىملەرگە ئىگە قىلىش، ئۇلارنى بىخەتەر قاپچۇق ئىشلىتىشكە ئۈندەش، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر قوللانغان ئوكۇلنى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنىڭ ناھايىتى قېيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پاھىشە ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەن قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ بولۇپمۇ سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ھازىرچە پاھىشە ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشىغا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان لى دەن، خىتايدا بىردىن ‏ - بىر يولنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خەلق ئارىسىدىكى تەشكىلاتلارغا، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قويۇپ بېرىش پىكىرىنى تەشەببۈس قىلغان.

بىراق، نۆۋەتتە خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل بېسىمى ۋە توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ بۇ دۆلەتكە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىشقان ئىدى.