2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئائىلە-بالىلىرى، ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە باشقىلار ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېھرى شەپقەت جەمئىيىتى قاتارلىق تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

بۇ مۇراسىمغا يەنە تۈرك ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ رەئىسى سەرۋەت قاپاقلى، تۈركىيە سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپنىڭ يېقىن دوستى راسىم جىنسلى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، شەھىدلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېقىن دوستى راسىم جىنسلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات-ئىش ئىزلىرىدىن بىر قىسىم خاتىرە-ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاتتى.
مۇراسىمدا دوكتور ئۆمەرقۇل، «مىللىي كۈرەش لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسىتىنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى» دېگەن تېمىدا، دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۈرك سىياسىي جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىدا، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ نەنجىڭدىكى پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «ئالىي مۇختارىيەت 1945-يىلدىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
بۇ مۇراسىمدا يەنە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان ۋە سىيىت تۇمتۈرك، يازغۇچى گۈلچىن چاندارلىئوغلى ھەم يازغۇچى سەرۋەت قاپاقلى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەر يېڭىساردا دۇنياغا كەلگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشىمىغان مەكتەپلەردە ئوقۇغان، خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇرىي كادىر بولۇپ ئوخشىمىغان ساھەلەردە خىزمەت قىلغان. 1926-يىلى خىتاينىڭ ئەندىجاندىكى كونسۇلخانىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن.
1936-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە نەنجىڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. «چىن تۈركىستان ئاۋازى»، «خانتەڭرى»، «ئالتاي»، «ئەرك» دېگەن ناملاردا گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇختارىيەت ھوقۇقىنى كېڭەيتىش يولىدا خىزمەت ئىشلىگەن.
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندا، ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى كەشمىرگە ھىجرەت قىلغان. 1954-يىلى تۈركىيىگە كەلگەن. تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى قۇرغان. «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنال نەشر قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى كۈچەيتكەن.
مەرھۇم 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.
بىز يىغىن ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن، ئەسقەرجان ۋە سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.