شەرقىي تۈركىستان لىدىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مىمار كەمالەتتىن زالىدا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننى خاتىرىلەيمىز تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش سېكرېتارى مۇستاپا دەستەكچى، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى ئورخان ئارسلان، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان كاۋۇنجۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تارىخچى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىنغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جەمىل چېچەك، دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چەلىك ۋە كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى تەبرىك تېلېگىرافى ئەۋەتتى. 2 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىننىڭ ھاياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. يىغىنغا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە سىياسەتچىلەر بولۇپ بىر نەچچە يۈز كىشى قاتناشتى.