ئۇنداقتا ئەزەربەيجان خەلقى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدۇ؟ ئەزەربەيجان خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن ئۇچراۋاتقان مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟
سۇئال: ھۆرمەتلىك رامىز ئەپەندى سىز تۈركىي تىللار دىۋانىغا ئائىت تەتقىقاتلىرىڭىز نەتجىسىدە پروفېسسورلۇققا ئېرىشىپسىز. ئالدى بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمىز. بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاپ: مەن 2006 - يىلىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلدىم. كېيىن بۇنىڭ گرامماتىكىسىنى تەتقىق قىلاي دەپ تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مورفولوگىيىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىم. ئۇنىمۇ كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم. بۇلاردىن باشقا يەنە، پۈتۈن تىللاردا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يېزىلغان 1000 پارچە ماقالىنى ئارخىپ قىلىپ تۇرغۇزۇپ چىقىپ مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ نەشر قىلدۇردۇم. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىپ تەييارلاپ چىقتىم. ھەرخىل كونفرانسلارغا قاتناشتىم. شۇڭا ئەزەربەيجان ئالىي مائارىپ ئىدارىسىدىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئۇنىڭغا داڭلىق تىلشۇناسلارنىمۇ تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق مېنىڭ بۇ ئەسىرىمنى باھالاش نەتىجىسىدە ماڭا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى بەردى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا مەن بۇ ئۇنۋاننى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ سايىسىدە ئالدىم.
سۇئال: مەھمۇت قەشقىرىنى ئەزەربەيجاندا كىشىلەر ياخشى بىلەمدۇ ؟
جاۋاپ: بىزدە ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بۇ دەرس قىلىپ بېرىلىشكە باشلىدى. سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بۇ چەكلەنگەن ئىدى. چۈنكى بۇنى ئۆگىنىپ تارىخىنى بىلىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا ئائىت نەرسىلەرنىمۇ پان تۈركىزىملىق دەپ قارىلىغان ئىدى. شۇڭا ئەزەربەيجاندا كونىلار ئۇنى ياخشى بىلمەيدۇ. ئەمما ھازىرقى ياشلار مەھمۇت قەشقىرىنى ۋە ئۇنىڭ بالاساغۇندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان تۈركىي تىللار دىۋانىنى يازغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ يەردە تېلىۋىزىيەلەردە مەھمۇت قەشقىرىنى تونۇشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياراتقان قىممەتلىك ئەسەرلىرى باراۋەر تونۇشتۇرىلىدۇ.
سۇئال: ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى بىلەمدۇ ؟
جاۋاپ: ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. زىيالىيلار تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ھازىر ئەزەربەيجان خەلقىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەربەيجاندا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن. بىزنىڭ تىجارەتچىلىرىمىز داۋاملىق بېرىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى بىزگە شۇنداق ئوخشايدىكەن. توي - تۆكۈن نەزىر چىراق ئادەتلىرىمۇ شۇنداق ئوخشايدىكەن، دىيىشدۇ. يىغىپ كەلگەندە ئۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى بىلىدۇ. چۈنكى بىزمۇ بۇرۇن رۇسىيىنىڭ قول ئاستىدا ياشىغان بىر خەلق. شۇڭا بىز بۇنداق ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىز چۈشىنىمىز.
سۇئال: سۆزلەپ ئۆتكىنىڭىزدەك، خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلسىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئوچۇق بىر ئىپادىسى بارمۇ ؟
جاۋاپ: بۇنىڭدا خەلقتىن ياخشى قوللاش بار. ئەمما ھۆكۈمەتىمىز تەرىپىدىن تېخى بۇنداق ئوچۇق بىر سۆز يوق. چۈنكى خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى. ئەزەربەيجاننىڭ ئۆزىنىڭمۇ مەسىلىلىرى بار. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ تېخى ئۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا بىر كۆز قارىشى يوق. ئەمما قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش سىياسى جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بېرەر كېلىشىمىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە ئۇيغۇرلار يوق دىيەرلىك ئاز. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكىدەك جىق ئەمەس. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئوچۇق بىر نەرسە يوق، ئەمما خەلقنىڭ قوللىشى بەك كۈچلۇك. ئۇيغۇر كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى كىشىلەر ئارىسىدا دېيىلىدۇ. تېلىۋىزىيىلەردە بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئەنى ئىجاد قىلغان تۇنجى خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. پۈتۈن خەلق بۇلارنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ.
سۇئال: رامىز ئەپەندى ھازىر مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ۋەتىنى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى يوقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. سىز بۇنىڭغا قابداق قارايسىز ؟
جاۋاپ: ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيىمۇ بىزگىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئىدى. بىزنىڭ تارىخى كىتابلىرىمىىزنى كۆيدۈرگەن. تارىخىي يەرلىرىمىزنى، قەدىمىي سېپىللىرىمىزنى ئۇ باھانە، بۇ باھانىلەر بىلەن چاققان، يەنى تارىختا بىزگە ئائىت نېمە بولسا شۇنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. خىتايمۇ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىمپېريالىست دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. ئېمپېريالىزم دېگەن ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنى يوق قىلىش دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، تىلىنى، دىنىنى يوق قىلىشقا، ئۇلارنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. ماركىسىزم بىلەن لېنىنىزمنىڭ ئاساسى مانا بۇ. ئەمما ئىشىنىشىمىز كېرەك، بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇلار مۇشۇ قىلغانلىرىدىن ئەپۇ سورايدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ.