ئەزەربەيجاندا مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 3 كىتاب نەشىر قىلىنغان

2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلغاندىن باشقا مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە كىتابلار نەشىر قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

يېقىندا تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلغان، باكۇدىكى مەھمۇت قەشقىرى ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى باكۇ كاۋكازىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. رامىز ئەسكەر ئەپەندىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يازغان 2 كىتابى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 3 - كىتابى يېقىندا نەشىر قىلىنىدىكەن. بۇ ئىككى كىتابنىڭ ئىچىدە `مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرىسى مىڭ بىبلىئوگرافىك كۆرسىتىش` ناملىق ئەسىرى دۇنيادا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان ئالاھىدە بىر ئەسەر ئىكەن. بۇ كىتابتا 18 تىلدا نەشىر قىلىنغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە مىڭ كىتاب ۋە ماقالە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن.

بىز بۇ كىتاب ۋە ئۆزىنىڭ 2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رامىز ئەسكەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق:

ھۆرمەتلىك رامىز ئەسكەر ئەپەندىم، سىز 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىڭىز ھەققىدە بىزلەرگە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭ قولۇمدا ھازىر ئىككى كىتاب بار، بىرىنىڭ ئىسمى" مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرىسى مىڭ بىبلىئوگرافىك كۆرسىتىش" . بۇ كىتاب 96 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتاب 5 - ئايدا باكۇدا مىڭ بىر ماھنى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابتا 18 تىلدا نەشىر قىلىنغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە مىڭ كىتاب ۋە ماقالە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. كىتابنىڭ بېشىدا `دۇنيا تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پىشىۋاسى` ناملىق مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يېزىلغان بىر ماقالەم بار. ئارقىسىدىن ئەزەربەيجان، تۈرك، ئۆزبەك، ئۇيغۇر، قازاق، تۈركمەن، تاتار، باشقۇرت، تاجىك، فارس، خىتاي، ياپون ۋە رۇسچە، فرانسۇز، نېمىس، ئىتالىيانچە قاتارلىق توپلام 18 تىلدا مىڭ پارچە ئەسەرنىڭ ئىسمىنى تىزىپ چىقتىم. مەن بۇ كىتاب چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يۈز نۇسخىسىنى ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەكەلدىم. ئۇ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرگە سوۋغا قىلدىم. ئۇلار بۇ كىتابقا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى، بىر كىتابتا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يېزىلغان مىڭ ئەسەرنىڭ ئىسمى ۋە بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىشى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ، دېيىشتى. مەن ئۇلارغا: مەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن مىڭ يىلغا مىڭ پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكى تەييارلىدىم دېدىم. ئىككىنچى كىتابىم بولسا 192 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ كىتابنىڭ ئىسمى `مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرىنىڭ بىبلىئوگرافىك ۋە گرامماتىك قوشۇمچىلىرى`. بۇ كىتابقىمۇ مەن ئۆزەم قول قويۇپ 7 - ئايدا نەشىرگە سۇندۇم ۋە - 8 ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتابنىڭمۇ باش قىسمىدا `دۇنيا تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شاھ ئەسىرى` ناملىق باش ماقالە بار. يەنە 18 تىلدا بىبلىئوگرافى ۋە 1301 ئەسەر ئىسمى بار. ئاخىرىدا يەنە بىر ماقالەم بار، بۇ ماقالەمنىڭ ئىسمى `تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ گرامماتىك قوشۇمچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى`. كېيىن تۈركچىدىكى قوشۇمچىلار ئۈستىدە مەخسۇس توختالدىم. تۈركىي تىللار دىۋانىدا 930 قوشۇمچە چىقتى، تا 1000 يىل بۇرۇن 930 قوشۇمچىنىڭ بولۇشى بۈيۈك بىر ئىش. بۈگۈن بىز ئەزەرىچىنى تەرەققى قىلغان بىر تىل، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيىدىن تۈرلۈك ئاتالغۇلار بار دېسەكمۇ يەنىلا 930 سۆز قوشۇمچىسى يوق بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ كىتابنى چەتئەللەرگىمۇ تارقىتىمەن. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگىمۇ بۇ كىتابنى ئەۋەتىمەن."

ھۆرمەتلىك در. رامىز ئەسكەر ئەپەندى بۇ كىتابلار ھەقىقەتەن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كىتاب بوپتۇ، بۇرۇن بۇ ھەقتە كىتابلار نەشىردىن چىقىپ باققانمۇ ياكى بۇ سىزنىڭكىسى تۇنجىسىمۇ ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا شۇنداق جاۋاب بەردى: "يوق. بۇ مېنىڭ تۇنجىسى، بۇرۇن بۇ ھەقتە ياخشى ماقالىلەر چىققان. مەسىلەن ياۋروپادا، ئوتتۇرا ئاسىيادا، رۇسىيىدە، تۈركىيىدە بۇ ھەقتە ناھايىتى ياخشى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. ئەمما بۇنداق توپلام شەكلىدە يېزىلغان ئەمەس. بىرى بىر ماقالىنى ئوقۇسا باشقا بىرىنى ئوقۇش ئىمكانى يوق ئىدى. ئەمدى مېنىڭ بۇ ئەسىرىمدىن دۇنيادا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە يېزىلغان پۈتۈن ئەسەرلەرنى كۆرەلەيدۇ.

در. رامىز ئەسكەر ئەپەندىم، بۇ زور بىر ئىش بوپتۇ، سىز 18 تىلدا بۇ بىبلىئوگرافىيىنى قانداق يىغدىڭىز ؟ بۇنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

"مەن يىللاردىن بېرى بۇ تېما ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن. مەن ئالدى بىلەن رۇسچىدا بۇلارنى تېپىپ چىقتىم. رۇسچە ماقالىلەرنى ئوقۇغىنىمدا ئۇلاردا بېرىلگەن مەنبە ئەسەرلەرگە قارىدىم ۋە ئۇ ئارقىلىق باشقا تىللاردا ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ماقالىلەرنى بىر - بىرلەپ تېپىپ چىقتىم. تۈركچە ماقالىلەرنىمۇ ھەم شۇنداق قىلدىم. مەسىلەن ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت دوكتور ھالىل بال، تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن سەيفەتتىن ئالتايلى قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرى ئارقىلىق بۇنىڭغا ئۇلاشتىم. ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىنى بولسا ئەزەربەيجان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرى بار، ئۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ كېلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن ماڭا ئۇ دۆلەتلەردىن مەھمۇت قەشقىرى توغرۇلۇق چىققان ماتېرىياللار بولسا يىغىپ ئەكىلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدىم ئەكىلىپ بەردى. خىتاي بىر تەتقىقاتچىنىڭ كىتابىنىمۇ تاپتىم. ۋېنگىرىيىدىن ئەكەلدۈردۈم. مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئاستا - ئاستا بۇلارنى يىغىشقا باشلىدىم. لېكىن ھەقىقەتەن تەس بولدى پۈتۈن بۇ كىتابلارنى يىغىشىم. مەھمۇت قەشقىرى قانداق "بىرىم بىرىم مىڭ بولۇر، تاما تاما كۆل بولۇر"، دېگەن بولسا، مېنىڭ بۇ ئىشىممۇ ئەنە شۇنداق بولدى."

"ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىلىپسىز. ئاخىرىدا سىزدىن شۇنى سورىماقچىمەن، 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن نېمىلەرنى دېمەكچىسىز، بۇندىن كېيىن يەنە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟ دېگەن سۇئالىمىزغا رامىز ئەسكەر ئەپەندى شۇنداق جاۋاب بەردى: "مېنىڭ شۇئان مونوگرافىم بېسىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھازىر مەتبەئەدە. بۇ كىتابىممۇ 432 بەتتىن تەركىپ تاپقان، كىتابنىڭ ئىسمى بولسا `مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى`. مەن كىتابقا ئۇيغۇرچە ئىسمىنىمۇ يازدىم. كىتاب 9 - ئايدا نەشىردىن چىقىدۇ. مەن بۇ كىتابىم بىلەن پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىمنى ئالىمەن. بۇ كىتاب قېلىن مۇقاۋىلىق قىلىنىپ ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك چىقىرىلماقچى. بۇ كىتابنىمۇ تۈرك دۇنياسىغا سوۋغا قىلىمەن. مېنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىمدىن بىرسى بۇ كىتابىم بولغۇسى."