ئەڭ قەدىمىي ئىسلام ئالىي بىلىمگاھى - ئەزھەر بىلىم يۇرتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.05.21
2009.05.21
جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ بۇ بىلىمگاھىدا ئىلىم شەربىتى ئىچكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە ئەزھەر بىلىم يۇرتى ھەققىدە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئەزھەرنىڭ 19 - ئەسىردىن بۇرۇنقى تەلىم - تەربىيە ئەھۋالى
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئەزھەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئەزھەر مەسچىتى مىلادىيە 969 - يىلى بىنا قىلىنىشقا باشلىنىپ، 972 - يىلى6 - ئاينىڭ22 - كۈنى رەسمىي تاماملانغان. ئەزھەر مەسچىتى دەسلەپتە ھەم ئەمەل - ئىبادەت قىلىنىدىغان ھەم دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەر تەھسىل قىلىنىدىغان ئىسلام ئالىي دارىلفۇنۇنى ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم - ئۆلىمالار يىغىلىدىغان ۋە باشقا ئەللەرگە ئالىم - ئۆلىمالارنى ئەۋەتىلىدىغان ئالىي ئىلىم مەركىزى ئىدى. كېيىنچە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلىنىپ، دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەر ئۆتىلىدىغان ئىسلام بىلىم مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىيە 1005 - يىلى ئەزھەردە دارۇلھىكمەت قۇرۇلۇپ يالغۇز بىر تۈرلۈك مەزھەبنىڭ تەلىملىرىنى ئۆگىتىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلگەن، فىقھى مەزھەبلىرىدىن مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ تەلىملىرىمۇ ئايرىم ئوقۇتۇلىدىغان ھالغا كەلگەن. يەنە شۇ يىلىسى پەلسەپە، تىبابەتچىلىك ۋە ھېسابقا ئوخشاش پەننىي ۋە ئەقلىي بىلىملەرمۇ ئوقۇتۇلۇشقا باشلىغان."ئەزھەرنىڭ 19 - ئەسىردىن كېيىنكى تەلىم - تەربىيە ئەھۋالى
ئابدۇئەزىز ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى:" 19 - ئەسىرنىڭ بېشىدا، مىسىردا ئىلمىي ئىسلاھات باشلىنىپ، ھازىرقى زامان ئىلىملىرى ئەزھەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلىدۇ. مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىم مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 1895 - يىلى " ئەزھەر يېتەكچىلىك ھەيئىتى" قۇرۇلىدۇ شۇنداقلا ئەزھەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە ماتېماتىكا، فىزىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، خەتتاتلىق قاتارلىق يېڭى دەرسلىكلەر كىرگۈزۈلىدۇ. 1961 - يىلى مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسى ئابدۇناسىر "ئەزھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى 103 - نومۇرلۇق پەرمان"نى ئېلان قىلىپ" ئەزھەر دۇنياۋىي ئىسلام دارىلفۇنۇنى، ئۇ ئىسلام مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە تارقىتىش شۇنداقلا ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا خىزمەت قىلىش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان، ئەرەب مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، ئىسلام شەرىئىتى، مەدەنىيىتى، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى، قۇرئان كەرىم تەتقىقاتى ئىشلىرىدا ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە زور ئەھمىيەت بېرىدۇ" دەپ چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەزھەرنىڭ پەقەت دىنىي بىلىملەرنىلا بېرىدىغان ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئوخشاش تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىمۇ ئوقۇتىدىغان ئالىي مەكتەب بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىناكارلىق، سانائەت، مېدىتسىنا، دورىگەرلىك، يېزا ئىگىلىك، سودا، چەتئەل تىللىرى ۋە ئاخبارات فاكۇلتىتلىرى تەسىس قىلىنىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلوملىرى باكلاۋىر، ماگىستىر ۋە دوكتور دەرىجىلىرىگە ئايرىلىدۇ."ھازىرقى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى
ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى 100 مەشھۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدە 45 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىي مەكتەبلەرنىڭ تەرەققىياتىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مەسىلەن: ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەبلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاسسىستېنت (ياردەمچى ئوقۇتقۇچى) لىق تۈزۈمى13 - ئەسىردىلا ئەزھەردە كەڭ قوللىنىلغان.ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ئۇنىڭدا 26 ئالىي تەتقىقات ئورگىنى بار. ھازىر مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 43 ئوغۇل تالىپلار ئىنىستتوتى، 18 قىزلار ئىنىستتوتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر جەمئى 61 ئىنىستتوت تەسىس قىلىنغان. بۇ ئىنىستتوتلار مىسىرنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا جايلاشقان. ئەزھەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەدرىسە ۋەئىنىستىتوتلىرىدا ئوقۇۋاتقان تالىپلارنىڭ سانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
مىسىر دۆلىتى 2005 - يىللىق يىلنامىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەزھەر قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2004 - 2005 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەزھەردە تەلىم ئالغان تالىپلار سانى 205 مىليون 9900 دىن ئاشقان. 2004 - 2005 - يىلى ئوقۇۋاتقان تالىپلار سانى 101 مىڭ 200 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 75 دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك تالىپلارنىڭ سانى 12 مىڭدىن ئاشقان. ئەزھەر سىستېمىسىدىكى مەكتەب ۋە مەدرىسىلەرنىڭ سانى 7100 گە يەتكەن.